چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئېلېكتر دولقۇنى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاۋا بوشلۇقىدا تارقالغان دەۋرىيلىك ئۆزگىرىدىغان ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ. سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى ۋە نۇر سىزىقى، رېنتىگېن نۇرى،γ( گامما ) نۇر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمىغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن ئىبارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :ئېلېكتر دولقۇنى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :电波

بايقىلىشى :1864-يىلى

بايقىغۇچى :ماكسىۋېل

چەتئەلچە نامى :Electromagnetic Wave

تۈرى :فىزىكا

باشقا نامى :ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى

ئۇقۇم ھەققىدە 

ئېلېكتىر دولقۇنىئېلېكتر دولقۇنى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاۋا بوشلۇقىدا تارقالغان دەۋرىيلىك ئۆزگىرىدىغان ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى كۆرسىتىدۇ. سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى ۋە نۇر، رېنتىگېن نۇرى،( گامما ) γ نۇر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمىغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. ئېلېكتر دولقۇنى مۇھىت ۋە مۇھىت چېگرالىنىش يۈزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، قايتىش، تارقىلىش، سۇنۇش، دىففراكسىيە ۋە سۈمۈرۈلۈش  قاتارلىق ھادىسىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ ئالاھىدە پارامېتىرى مەسىلەن،ئامپلىتۇدا، فازا، قۇتۇپلىنىش، تارقىتىش يۆنىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنىڭ بىر خىل ھەرىكەت ھالىتى. ئېلېكتر بىلەن ماگنىتنى بىر گەۋدىنىڭ ئىككى تەرىپى دېيىشكە بولىدۇ، ئۆزگىرىشچان توك ماگنىت ھاسىل قىلىدۇ، ئۆزگىرىشچان ماگنىت توك ھاسىل قىلىدۇ. ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر مەيدانى بىلەن ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى ئايرىغىلى بولمايدىغان بىرلىككە كەلگەن مەيدان ھاسىل قىلىدۇ، مانا بۇ ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىدۇر، ئۆزگەرگەن ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى بوشلۇقتا تارقىلىپ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئېلېكتر ماگنىتنىڭ ئۆزگىرىشى خۇددى مەيىن شامال سۇ يۈزىنى يەڭگىل سوقۇپ سۇ دولقۇنى ھاسىل قىلغانغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ، دائىم ئېلېكتر دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى بولسا توغرا دولقۇن. ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ماگنىت مەيدانى، ئېلېكتر مەيدانى ۋە  يۆنىلىشى ئۆزئارا تىك بۇلىدۇ. تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسى تارقىلىش يۆنىلىشىگە تىك يۆنىلىشىنى بويلاپ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى بىلەن ئارىلىقىنىڭ كۋادراتى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ، دولقۇننىڭ ئۆزى ئېنېرگىيىگە ئىگە، ھەر قانداق ئورۇندا ئېنېرگىيە قۇۋۋىتى ۋە تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسىنىڭ كۋادراتى ئوڭ تاناسىپلىق تۈزىدۇ.

ئۇنىڭ سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىگە تەڭ c ( ھەر سېكۇنتىغا  10 × 3 نىڭ 8-دەرىجىسى)بولىدۇ. بوشلۇقتا تارقىلىدىغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى، ئارىلىقى ئەڭ يېقىن ئېلېكتر مەيدانى (ماگنىت مەيدانى )كۈچلۈكلۈكى يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى ئەڭ چوڭ ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئارىلىق، بۇ دەل ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى λ، ئېلېكتر ماگنىت ھەر سېكۇنتتا ئۆزگىرىش قېتىم سانى چاستوتا f. بۇ ئۈچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت فورمۇلاسى f λ = c بولىدۇ. 

ئوخشاش بولمىغان مۇھىتقا كىرگەندە، سۇنۇش، نـۇر قـايـتـۇرۇش، دىفراكسىيە، ھالقىپ ئۆتۈش، چېچىلىش ۋە قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ تارقىلىشى يەر يۈزىنى بويلاپ تارقالغان يەر يۈزى دولقۇنى، يەنە ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھاۋا دولقۇنى ۋە ئاسمان دولقۇنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئۇنىڭ ئاجىزلىشىشى شۇنچە ئاز بولىدۇ، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ئاسانلا توسالغۇدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ داۋاملىق تارقىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏