چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سەرەبىل ھەم كۆكتاتنىڭ ئورنىدا ھەمدە زىننەت ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. سەرەبىل ئىلگىرى مەرۋايىتگۈل دەپمۇ ئېلىنغان بولۇپ بۇ خاتا، مەرۋيىتگۈل ئوخشىمىغان خىلدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ سەرەبىل بىلەن ئوخشاشلىقى يوق. سەرەبىل تۈركچىدە kuşkonmaz ، ئەزەربەيجان تىلىدا qulançar، ئىنگىلىزچىدە Asparagus، خەنزۇچىدە 芦笋 دېيىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سەرەبىل

خەنزۇچە ئاتىلىشى :石刁柏

تارقالغان رايونلار :جوڭگو، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامېرىكا، ياپۇنىيە

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۈلسامساق تۈركۈمى

ئائىلىسى :گۈلسامساق ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :مۇرچۇبا ئۇرۇقدىشى

تۈرى :سەرەبىل

كەنجى تۈركۈمى :گۈلسامساق كەنجى تۈركۈمى

خەنزۇچە باشقا نامى :南荻笋、荻笋、石刁柏、露笋

ئويغۇرچە باشقا نامى :مۇرچۇبا، ھىليون

لاتىنچە نامى :Asparagus officinalis

سىرتقى شەكىلى

10پارچەسەرەبىلسەرەبىلنىڭ تۈرلىرىنى دۇنيادىكى ئىللىق رايونلاردا كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئاچ يېشىل سارغۇچ چېچەكلىرى ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا ئېچىلىدۇ. سەرەبىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. سەرەبىلنىڭ ئۇرۇقلىرى باھار ئايلىرىدا تېرىلىدۇ ۋە تېرىلىپ ھوسۇل بەرگىچە تۆت يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن تۆت يىل ساقلاش بەك ئۇزۇن بىلىنىدۇ، ئەمما سەرەبىل تېرىلغان ئېتىزدىن 20 يىل ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. سەرەبىل ئۆسۈملۈكىدىن ھوسۇل يىغىۋېلىنماي، تەبىئىي ھالدا ئۆسۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا 170 سانتىمېتىرغىچە ئۆسەلەيدۇ. تاللىرىنى قاپلىغان نېپىز يىڭنە ياپراقلىرىدىن كېيىن، كىچىك ئاچ يېشىل چېچەكلىرى ئېچىلىدۇ. چېچەكلەر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قىزىل رەڭلىك، گۆشلۈك مېۋىلەرگە ئۆزگىرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏