چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گرىن (216 ياكى 200-129) مەشھۇر تىببى ئالىم، ئۇ ئۆز ئۆمرىدە 78 پارچە كىتاپ، 14 پارچە ئىلمىي ماقالە يازغان. گرىن 80 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن، 200-يىلى سىسلىيە ئارىلىدا ۋاپات بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گرىن

خەنزۇچە ئاتىلىشى :(''盖伦 (又译作''伽林

دۆلەت تەۋەلىكى :يۇنان

يۇرتى :پېرگامون

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادى 129-يىلى

كەسپى :دوختۇر

چەتئەلچە نامى :Galen

شەخس ئانكىتى 

گرىنگرىن (129-200 ياكى 216 ) مەشھۇر تىببى ئالىم، ئۇ ئۆز ئۆمرىدە 78 پارچە كىتاپ، 14 پارچە ئىلمىي ماقالە يازغان. بۇ كىتاپلارنىڭ 9 پارچىسى ئاناتومىيە ھەققىدە، 17 پارچىسى فىزىئولوگىيە ھەققىدە، 6 پارچىسى پاتالوگىيە ھەققىدە، 16 پارچىسى داۋالاش ئىلمى ھەققىدە، 30 پارچىسى دورىگەرلىك ھەققىدە يېزىلغان. گرىن يۇناندىكى پېرگامون (ئەسلىدىكى كىچىك ئاسىيانىڭ بىر كىچىك شەھىرىدە) دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ناھايىتى ئۇقۇمۇشلۇق بىر گرىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىناكارلىق ئۇستىسى ئىدى. كىچىك گرىننىڭ مىجەزى دادىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان، ئۇنىڭ بىلىمنىڭ ھەممىسىنى دادىسى ئۆگەتكەن. بەختكە قارشى، گرىن 12 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تەرەپ-تەرەپكە ساياھەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ سىمىرناغا بارغان، ئىسكەندىرىيىدە تىببى ئىلىمنى ۋە ئاناتومىيىنى ئۆگەنگەن. گرىن ئوقۇشتا ئىنتايىن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە ئۇنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى زور بولغان. 28 يېشىدا يۇرتىغا قايتىپ، تىبابەتچىلىك ئىشىنى باشلىغان. ئۇنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، شۇ چاغدا ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن. ئۇ نۇرغۇن نەزىرىيىۋى بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، مول ئەمەلىي تەجرىبىگىمۇ ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۇ رىمغا كۆچۈپ بارغان. گرىن 80 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن، 200-يىلى سىسلىيە ئارىلىدا ۋاپات بولغان.

 رىمدا ئودېم دېگەن بىر ئادەم بىر خىل ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ئەمما گرىن ئۇنى داۋالاپ ساقايتقان. يەنە بىر قېتىم، بىر ئاغىچا خېنىم قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، ئەتراپتىكى دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى داۋالاشقا ئىلاج قىلالمىغان ئەھۋالدا، گرىن ئۇنى داۋالاپ ساقايتقان. ھېلىقى ئاغىچا خېنىم ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئىككى مىڭ سەر ئالتۇن تەقدىم قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن گرىننىڭ داڭقى چىقىپ كەتكەن. رىم خان ئوردىسىمۇ تىبابەتچىلىك ساھەسىدىن بۇنداق كارامەت بىر ئادەمنىڭ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. دەل شۇ چاغدا، پادىشاھ مائېو ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، گرىننى چاقىرتىپتۇ، گرىن پادىشاھنىڭ كېسىلىنى ساقايتىپ، ناھايىتى زور ئىشەنچكە ئىگە بولغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏