چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ۋاگنېر گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كومپۇزىتورى، دىرىژور، كومىدىيە رېژىسسورى ۋە ئوبزورچىسى. ئاساسلىقى مۇزىكىلىق تىياتىر ساھەسىدە نەتىجە قازانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋاگنېر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :理查德·瓦格纳

باشقا نامى :رىچارد ۋاگنېر

دۆلەت تەۋەلىكى :گېرمانىيە

مىللىتى :گېرمان

يۇرتى :لېپزىگدىكى يەھۇدىلار مەھەللىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1813-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1883-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى

كەسپى :كومپۇزىتورى، دىرىژور، كومىدىيە رېژىسسورى ۋە ئوبزورچىسى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :لېيپزىگ ئۇنىۋېرسىتېتى

شەخسى ئارخىپ

6پارچەۋاگنېرۋاگنېر  1813-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى لېپزىگدىكى يەھۇدىلار مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپلا بتخوۋېن، مۇزارت قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ رۇيال چېلىش ۋە كومپىزىتۇرلۇقنى ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىكسپىر، گىيوتى دىراممىلىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 15 ياش ۋاقتىدا، 5 پەردىلىك شېئىرى تېراگىدىيىنى يېزىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە  شوپېنخاۋېر  قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1833-يىلى يازدا ۋولزىبورىگدا ئوپىرا دېرژورى بولغان. ھەمدە ئوپىرا ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.1840-يىلى، 1841-يىلى ئۆزنىڭ تۇنجى ۋەكىلىك خاراكتىرگە ئىگە ئوپىراسى «گوللاندىيلىك سەرگەردان» نى تاماملىغان. 1843-يىلى، دېلىستون ئوردا ئوپىرا تىياتىرخانسىنىڭ دىرژورى بولغان. ۋاگنېر 1883-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مۇزىكا كومدىيلىك سەھنە ئەسەرلىرى ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتكى دۇنيا مۇزىكا تەرەققىياتىغا بەلگىلەش خاراكتىرلىق تەسىرى كۆرسەتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏