چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ،مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى.جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىلىرى قىرىق يەتتىنچى تۇەننىڭ 1-2-لىيەنى، شىمال تەرىپى يىڭىيەر يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۈۋەت يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :吐外特乡

دۆلىتى :جوڭگۇ

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى

يەر مەيدانى :24كىۋادرات كىلومىتىر

نوپۇسى :34310 (2016)

كىلىماتى :قۇرغاق چۆل كىلىمات

چەتئەلچەنامى :Tuwet County

جۇغراپىيەلىك ئورنى

تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى.

جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىلىرى قىرىق يەتتىنچى تۈەننىڭ 1-2-لىيەنى، شىمال

 تەرىپى يىڭىيەر يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. 

يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 7.3كىلومىتىر كېلىدۇ. يېزا تەۋەلىكىدە 21مەمۇرى كەنت بار. ئۇلار : تۈۋەت كەنتى، ئويئېرىق كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، سوپلا كەنتى، توقماقكەنتى، سېرىغتوغراق كەنتى، مۇغال كەنتى، چاۋاغ كەنتى، سايات كەنتى، كۆتىرەم كەنتى، ئوي كەنتى، قۇمبۇي كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، خانلىقئېرىق كەنتى، سۆگەتلەك كەنتى، ھەلدوس كەنتى، ئاياغئەسكى كەنتى، يالغۇزتوغراق كەنتى، ناغرا كەنتى، ئوجۇنئېرىق كەنتى قاتارلىقلار. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏