چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇلاقتاغ رايونى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت مەركىزى شەھەر رايونىنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بۇلاقتاغ رايونى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :水磨沟区

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەرگە قاراشلىق رايون

تەۋە رايون :ئۈرۈمچى شەھىرى

يەر مەيدانى :277.56 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :410 مىڭ ئادەم

كىلىماتى :ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرغاق كىلىمات رايونى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

بۇلاقتاغ رايونىبۇلاقتاغ رايونى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت مەركىزى شەھەر رايونىنىڭ بىرى. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بوغدا چوققىسىنىڭ غەربىي شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، جەنۇبتا قىزىل تاغ يولى ئارقىلىق تيانشان رايونى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى داۋانچېڭ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ساي تېز سۈرئەتلىك تاش يولى ئارقىلىق سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى بىلەن قوشنا، شىمالىي ۋە شەرقىي كۆكتاغ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ.

بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 277.56 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تەۋەلىكىدىكى نوپۇس 410 مىڭ ئادەم، رايون قارمىقىدا سەككىز كوچا، 69 مەھەللە، 6 كەنت بار، 2011-يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 113.63 مىليون يۈەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2010-يىلىدىكىدىن %15 ئاشقان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏