چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بوغاز يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى، شەھەر جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بوغاز يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :南湖乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :قۇمۇل شەھىرى

يەر مەيدانى :15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :2778 ئادەم

پىنيىنچە يېزىلىشى :nán hú xiāng

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

بوغاز يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى، شەھەر جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۆزىگە قاراشلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، شىمالىي راھەتباغ يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتە بۇلۇڭتوغراق يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي تەرىپى قارا دۆۋە يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇب تەرىپى لوپنور كۆلى بىلەن قوشنا، قارىمىقىدا ئۈچ مەمۇرىي كەنت، توققۇز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 15 پونكىت بار.

2005-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 2778 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن % 30 نى ئىگەللىگەن، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2516 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ھەر قايسى مەمۇرىي كەنتلەر تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر.

2005-يىلى، پۈتۈن يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 10 مىڭ 600 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مو، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3989.89 يۈەنگە يەتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏