چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تېلېسكوپ (دۇربۇن) يىراقتىكى جىسىم ياكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوپتىك ئەسۋاب.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تېلېسكوپ

خەنزۇچە نامى :望远镜

چەتئەلچە نامى :telescope

ئۇيغۇرچە باشقا نامى :دۇربۇن

خەنزۇچە باشقا نامى :千里镜

كەشىپ قىلغۇچى :لىپۇش

كەشىپ قىلىنغان ۋاقتى :1608-يىلى

ياسىلىش تەرەققىياتى

12پارچەتېلېسكوپئەڭ بالدۇرقى تېلېسكوپ 1608-يىلى گوللاندىيەلىك كۆزەينەك ئۇستىسى لىپۇش تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. ئىتالىيەلىك ئالىم گالىلېي لىپۇشنىڭ بىر خىل غەلىتە تۇرۇبىنى كەشىپ قىلغانلىقى، بۇنىڭ كۆزەتكەن نەرسىلەرنى چوڭايتالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ خىل چوڭايتقۇچى تۇرۇبىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاپ، ئاسماندىكى يۇلتۇز ۋە ئاينى كۆزىتىپ، ئالەمنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە بولامدۇ - يوق؟، دەپ ئويلاپ جاپالىق تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتكەن.

جاپالىق تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىلىق، ئاخىر گالىلېي ئۇزۇنلۇقى 1.2m، دىئامېتىرى 4.4cm كېلىدىغان، 33  ھەسسە چوڭايتالايدىغان گالىلېي تېلېسكوپىنى ياساپ چىققان. بۇ تېلېسكوپ ئارقىلىق، ئايدىكى ئويمان-دۆڭ ھالقىسىمان تاغلار كۆزىتىلگەن؛ نەتىجىدە قۇياشنىڭ ئۇدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقى؛ يۇپىتېرنىڭ ئەتراپىدا تۆت ھەمراھنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقى؛ ساتۇرىننى چىرايلىق نۇر ھالقىلىرى ئورىۋالغانلىقى؛ ۋېنېرانىڭمۇ ئايغا ئوخشاشلا، يېڭى ئاي ۋە تولۇن ئايدەك تولۇق-كەمتۈك ئۆزگىرىشلەردە بولىدىغانلىقى؛ سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سانسىزلىغان يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بايقىغان.

1615 - يىلى كېپلېر گالىلېي تېلېسكوپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كېپلېر تېلېسكوپىنى ياسىغان. بۇنىڭدا لىنزىنىڭ نۇرنى سۇندۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ جىسىم كۆزىتىلگەن، شۇڭا بۇ خىل تېلېسكوپ رېفراكتور (سۇندۇرۇش تىپىدىكى تېلېسكوپ) دەپ ئاتالغان. لىنزىنىڭ ئۆزى قىسمەن نۇرنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇنىڭ ماتېرىيالى ئوخشاش بولمىغان يەككە (ساپ) رەڭلىك نۇرلارغا قارىتا سۇندۇرۇش كۆرسەتكۈچىمۇ ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق تېلېسكوپ ئادەتتە ھەربىي ئىشلاردا ۋە دالا كۆزىتىشلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئارقىلىق يىراقتىكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتكەندە، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. بۇ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئالىملار رېفلېكتور (قايتۇرۇش تېلېسكوپى) نى لايىھىلەپ ياساپ چىققان. بۇنىڭدا ئەسلىدىكى ئوبيېكتىپنىڭ ئورنىغا پارابولا يۈزلۈك قايتۇرۇش ئەينىكى ئىشلىتىلىپ تەسۋىر چوڭايتىلىدۇ، قايتۇرۇش ئەينىكىنىڭ سىرتقى يۈزى نۇرنى ناھايىتى ئاز سۈمۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل يەككە رەڭلىك نۇرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا قايتۇرۇلىدۇ - دە، رېفراكتورنىڭ ئاساسلىق كەمچىلىكى تولۇقلىنىدۇ. ئەڭ بالدۇرقى رېفراكتور (قايتۇرۇش تىپىدىكى تېلېسكوپ) نى نيۇتون 1672-يىلى كەشىپ قىلغان. ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى تېلېسكوپنىڭ ھەممىسى رېفلېكتوردىن ئىبارەت.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏