چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاشكۆۋرۈك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تاشكۆۋرۈك يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :塔什库勒克乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى

يەر مەيدانى :10.9 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :12853 ئادەم

پىنيىنچە يېزىلىشى :tǎ shí kù lè kè xiāng

ئاساسىي ئەھۋالى

تاشكۆۋرۈك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10.9 كۋادرات كىلومېتىر، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1.8 كىلومېتىر. شەرقتە قارا دۆڭ يېزىسى بىلەن چېگرالانغان، غەرىپتە خەنبىڭ يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبىي تەرىپى ئىلى دەرياسىغا يېقىن، شىمال تەرىپى شەھەرگە تۇتاشقان.

2پارچەتاشكۆۋرۈك يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرپۈتۈن يېزىدا سەككىز مىللەت بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 12853 ئادەم، ئومۇمىي ئائىلە سانى 2449 ئائىلە، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئائىلىسى 2432، نوپۇسى 10890 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت 2076 ئائىلىلىك، نوپۇسى 11449 ئادەم، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ % 90 نى ئىگەللىگەن، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 8065 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.7 مو.

يېزا تەۋەلىكىدە ئالتە مەمۇرىي كەنت، 31 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر چارۋىچىلىق ئەترىتى، 16 پارتىيە ياچېيكىسى، خىزمەتچى پارتىيە ئەزالىرى، تۆت مەكتەپ، بىر شىپاخانا، 17 يېزا-بازار كارخانىسى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏