چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاغارما يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا 32 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دۇنيانىڭ ئۆگزىسى"مۇزتاغ چوققىسى"دەپمۇ ئاتالغان."314" دۆلەت يولىنىڭ بويىدا، غەربىي تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي كۆكيار قىرغىز مىللىي يېزىسى، جەنۇبتا تىزناپ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 7351 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3024 مېتىردىن 8163 مېتىرغىچە، چېگرا ئىچىدىكى قارلىق چوققىلار تۇتىشىپ كەتكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تاغارما يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :塔合曼乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى

يەر مەيدانى :7351 كۋادىرات كىلومېتىر

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

تاغارما يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا 32 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دۇنيانىڭ ئۆگزىسى"مۇزتاغ چوققىسى"دەپمۇ ئاتالغان."314" دۆلەت يولىنىڭ بويىدا، غەربىي تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي كۆكيار قىرغىز مىللىي يېزىسى، جەنۇبتا تىزناپ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 7351 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3024 مېتىردىن 8163 مېتىرغىچە، چېگرا ئىچىدىكى قارلىق چوققىلار تۇتىشىپ كەتكەن، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ھاۋاسى قۇرغاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃3.3 بولىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى℃43، قىروسىز مەزگىل 70 كۈن ئەتراپىدا، قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئېگىزلىك،تىپىك قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 69 مىللىمىتىر. ئاساسلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن قاتتىق بوران چىقىدۇ، قارا يامغۇر كۆپ بۇلىدۇ، قېلىن قار يېغىپ، تاشقىن يۈز بېرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏