ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

خەنزۇچە نامى :中华人民共和国老年人权益保障法

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :1996–يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى

پىنيىنچە يېزىلىشى :zhōng huá rén mín gòng hé guó lǎo nián rén quán yì bǎo zhàng fǎ

قوللىنىلغان ۋاقتى :2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

تۈزۈتىلگەن ۋاقتى :2012–يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى

ئېلان قىلغان ئورگان :مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

ئاساسىي ئۇقۇم

ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياشانغانلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كۈتۈش ۋە ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (72–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2012–يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏