چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كاتتايلاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كاتتايلاق يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :格达良乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :ئاتۇش شەھىرى

يەر مەيدانى :1528 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :14418 ئادەم

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

كاتتايلاق يېزىسىكاتتايلاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان. كاتتايلاق يېزىسى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەرقىگە 47 كىلومېتىر كېلدىغان جايىغا جايلاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ۋە 314-دۆلەت يولى ئۇنىڭ چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، 213-ئۆلكە يولى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقتە مارالبېشى، جەنۇب تەرىپى پەيزىۋات، غەربىي سۇنتاغ يېزىسى، شىمالدا قاراجول بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. يەر كۆلىمى 1528 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭغا قاراشلىق يەتتە مەمۇرىي كەنت، بىر يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى، 72 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار؛ پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي ئائىلە سانى 2695، 14418 ئادەم، ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 93نى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى پاختا، بۇغداي، قوناق، قوغۇن قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان نامرات يېزا. كاتتايلاق يېزىسىدىكى قارا كۆسەي قوغۇن ۋە قوي گۆشى پۈتۈن شىنجاڭغا داڭلىق، شۇنداقلا ئاتۇش شەھىرىدىكى ئاساسلىق پاختا ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏