ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جېلىليۈزى بازىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :吉里于孜镇

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :بازار

تەۋە رايون :ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى

يەر مەيدانى :27.27 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :24678 ئادەم

تېلېفون رايون نومۇرى :0999

ماشىنا كودى :يېڭى F

پىنيىنچە يېزىلىشى :jí lǐ yú zī zhèn

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

10پارچەجېلىليۈزى بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرجېلىليۈزى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىگە جايلاشقان. جېلىليۈزى بازىرى غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوملۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، شۇنداقلا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى.

غۇلجا شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 6 كىلومېتىر، دۆلەت يولى 218-، 314- ئۆلكە يولى ۋە پات ئارىدا قۇرۇلۇش باشلانغان جىڭ-غۇلجا تۆمۈر يولى شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتكەن، غۇلجا ناھىيەلىك پويىز ئىستانسىسى شەھەر ئىچىگە جايلاشقان، شەھەر رايونى ياخشى رايون ئەۋزەللىكى ۋە ئەپلىك قاتناش شارائىتىگە ئىگە. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏