چامغۇر(ئۆسۈملۈك، كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چامغۇرنىڭ باشقا نامى تەۋرەكوت، تۈگۈن بېشى، يۇمىلاق كۆكتات بېشى بۇلۇپ، لاتىنچە نامى (Brassica rapa)، كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشىنىڭ كۆك يازلىق يېسىۋىلەك چامغۇر كەنجى تۈرى، گۆشلۈك يىلتىز ھاسىل بولغان ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. سېمىز گۆشلۈك يىلتىزىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، گۆشلۈك يىلتىزى يۇمران، ئىنچىكە، يېيمەكلىكلەر بىلەن قورۇپ ياكى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چامغۇر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :芜菁

تارقالغان رايونلار :ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرى

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كەپە ئۇرۇقدىشى تۈركۈمى

ئائىلىسى :كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشى

تۈرى :كۆك يازلىق يېسىۋىلەك

كەنجى سىنىپى :دىللېنىيە كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈرى :چامغۇر

لاتىنچە نامى :Brassica rapa

باشقا نامى :蔓菁、诸葛菜、大头菜、圆菜头、圆根、盘菜、恰玛古

سىرتقى شەكىلى

7پارچەچامغۇرچامغۇر ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، ئېگىزلىكى 90 سانتىمېتىر. تۈگۈنەك يىلتىزى گۆشلۈك ئاق رەڭلىك ياكى سېرىق رەڭلىك، يۇمىلاق، ياپىلاق يۇمىلاق ياكى بەزىدە ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە، تۈگۈنەك يىلتىزى ئاستىدا پۆپۈك يىلتىزى بار. ئوق يىلتىز غولى تۈز، تىك، يۇقىرى قىسمىدا شاخلىرى بار، تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئۇزۇن ھەم تار پەيسىمان يېيىلغان، ئۇزۇنلۇقى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىرى ئاجىز بولغان ئاز ساندىكى كىچىك يېرىقچە يوپۇرماق سېپىغا ئىگە ياكى ساپاقسىز كىچىك يوپۇرماقلىق، ئۇچىدىكى يېرىقچە ئەڭ چوڭ ھەم دىقماق، گىرۋىكى دولقۇنسىمان ياكى تېيىز يېرىلىدۇ، تۇلۇق يوپۇرماقلىق ئۈستىگە ئازراق تارقاق ئۆسكەن ئاق تۈكلۈك، تۆۋەنكى قىسىم يۇپۇرمىقى بىر قەدەر زىچ، ئاستى غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى خۇددى تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماق تۈپى تەرەپتىكى غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ ياكى يوپۇرماق ساپىقى بار؛ غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماق ئادەتتە سوقىچاق ياكى تېمىنە شەكىللىك، بۆلۈنمە، تۇتقۇچسىز تۈپى تەرەپتىكى غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ يان تەرەپتىن ئۆسۈپ چىققان ئارتۇق يېرىقچە يوپۇرماقلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ. 

گۈل چىچىكى 

5پارچەچامغۇرپۆپۈكسىمان گۈل رېتى ئۇزۇن، گۈلى كىچىك، ئوچۇق سېرىق رەڭلقك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7 مىللىمېتىر؛ گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى 4، 2 رەت يېيىلىدۇ؛ گۈل بەرگىدىن تۆتى، كىرسىت شەكىللىك، ئۇزۇن پەنجىلىك؛ ئاتىلىقى 6.4؛ ئانىلىقى 1 تال، گۈل تۈگۈنچىكى ئۈستىدە بىر قەۋەت نېپىز پەردە پەردىلىك پاسىل ھاسىل قىلغان ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك گۈل مېۋىسى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 3.5 ~ 6 سانتىمېتىر، تۇمشۇقى ئىنچىكە ئۇزۇن. چېچەكلەش مەزگىلى ئەتىياز. 

بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى (چامغۇر)، ئۇرۇقى (چامغۇر ئۇرۇقى) دورىغا ئىشلىتىلدۇ. 

چامغۇر بىلەن تۇرۇپنىڭ پەرقى

چامغۇر بىلەن تۇرۇپنىڭ پەرقى: چامغۇر بىلەن تۇرۇپ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە. تۇرۇپنىڭ بىر قىسىم تۈرلىرى چامغۇرنىڭ شەكلى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەممىسى يۇمىلاق شار شەكىللىك ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا بەزىدە ئارلىشىپمۇ كېتىدۇ. لېكىن ئىككى خىل ئۆسۈملۈكلەر يەنىلا پەرقى بار. چامغۇر كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشى، تۇرۇپنىڭ بولسا چامغۇرى ئۇرۇقدىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بىر تال چامغۇر گۆشى بىر قەدەر قاتتىق، سۇ تەركىبى ئاز، چامغۇر پىشقاندىن كېيىن گۆشلۈك، بىر قەدەر يۇمشاق، شۇڭا ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. تۇرۇپ پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن شىرنىسىمۇ كۆپ. بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ دورىلىق قىممىتى بىلەن ئىستېمال قىممىتى جەھەتتە بولسۇن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە كاللەكبەسەي ياكى چەلەڭ بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏