چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سالجا پارازىت كانىلار ئەترىتىگە تەۋە، دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان سالجىلاردىن تەخمىنەن 800 خىلدىن كۆپرەك تۈرى بار، قاتتىق سالجا ئائىلىسى تەخمىنەن 700 نەچچە خىل، يۇمشاق سالجا ئائىلىسى تەخمىنەن 150 خىل، ئېلىمىزدە خاتىرىلەنگەن قاتتىق سالجا ئائىلىسى تەخمىنەن 100 خىل، يۇمشاق سالجا ئائىلىسى 10 خىل. سالجا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تېنىدە ۋاقىتلىق پارازىتلايدىغان قۇرت، بىر قىسىم ياۋايى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ۋاستىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سالجا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :蜱虫

تارقالغان رايونلار :ئورمان، چاتقاللىق، ئوتلاق، يېرىم قاقاسلىق

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئۆمۈچۈكسىمانلار سىنىپى

ئائىلىسى :سالجا باش ئائىلىسى

سىرتقى شەكىلى

قاتتىق سالجا

سالجىنىڭ تېنى ئېللىپس شەكىللىك، دۈمبە قىسىملىرى ياپىلاق ھەم سەل تومپىيىپ چىققان، يېتىلگەن ھاشارات تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 ~ 10 mm بۇلىدۇ؛  قان شورىغاندىن كېيىن يوغىنايدۇ. چىشى سالجىنىڭ ئاغزىدىكى تاڭلىيى بىلەن ئارقا تەرىپىدە بىر جۈپ تۆشۈك رايۇنى بۇلۇپ، بۇنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۇخۇم تۇغۇشقا ياردەم بېرىش ئىقتىدارى بار. ئەركەك سالجىنىڭ قالقان تاختىسى پۈتكۈل ئارقا تەرپىىنى دېگۈدەك قاپلاپ تۇرىدۇ، چىشى سالجىنىڭ قالقان تاختىسى بولسا ئاران كاسا قىسمىنىڭ بىر قىسمىنلا قاپلايدۇ، سالجىنىڭ ھەربىر پۇتىدا ئاساسىي بوغۇم، ئايلانما بوغۇم، تىز بوغۇمى، پاقالچاق بوغۇمى ۋە ئارقا بوغۇم قاتارلىقلار بۇلىدۇ. پۇراش سېزىمى ئىقتىدارى بار، تىرنىقى بولمايدۇ. كۆپىيىش تۆشۈكى قورساق قىسمىدىكى ئالدىنقى يېرىمىدا. ئەركەك سالجىنىڭ قورساق تاختا قىسمىدا خىتىن ماددىسى بار، ئۇنىڭ سانى سالجا ئۇرۇقدىشى تۈرىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. 

يۇمشاق سالجا

جاغ تەنچىسنى كەينى تەرەپتىن كۆرگىلى بولمايدۇ، تاڭلىيى ئارقا تۆشۈكى رايۇنىدا. گەۋدىسى ئارقا قالقان تاختىسىدا، بەدىنىنىڭ سىرىتقى قىسمىنى كۆپ ھاللاردا دانچە شەكىللىك كىچىك سۆگەل ياكى قورۇق باسقان، تەخسە شەكىللىك ئويمان. ئاساسىي بوغۇم ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان، كۆپىيىش تۆشۈكى قورساق قىسمىنىڭ ئالدىدا، جىنس ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك ئەمەس. مەقىتى تېنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا. ھەرقايسى ئاساسىي بوغۇملىرىدا ئارىلىق يوق، پەنجە تىرنىقى بار بولسىمۇ، لېكىن پەنجە تەگلىكى يوق. يېتىلگەن ھاشارەتنىڭ ئاساسىي بوغۇم بېزى ئېغىزى بار. ئاساسىي بوغۇم بېزى بولسا سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش، سۇ، ئېلېكتىرولىت ۋە قان لىمفا تەركىبىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏