چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئارال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، يەكەن ناھىيەسى ئارال يېزىسى قارلىق ئىگىزلىك پامىر تاغ ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقى غەربىي چېتىگە، گۈزەل يەكەن دەرياسى بويىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئارال يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :阿热勒乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى

يەر مەيدانى :69.32 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :14075 ئادەم

كىلىماتى :سۇبتروپىك بەلباغ ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىمات

چەتئەلچە نامى :airele

تېلېفون رايون نۇمۇرى :0998

ماشىنا كودى :يېڭى Q

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش

5پارچەئارال يېزىسىئارال يېزىسى ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، شەرق تەرىپى يەكەن دەرياسىنى پاسىل قىلىدۇ، جەنۇبى يەكەن ناھىيەسى چارباغ يېزىسى بىلەن چىگىرىلىنىدۇ، غەربى ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى مىشا يېزىسى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇردۇ. يېزا بويىچە ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 69.32 كۋادرات كىلومېتىر. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1226 مېتىر، كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىمات، تۇپراق تۇپرىقى قۇملۇق يەر.

ئارال يېزىسى يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 47477 مو، ئومۇمىي نوپۇسى 14075 ئادەم، ئائىلىلەر ئومۇمىي سانى 3015 ئائىلە، 15 مەمۇرىي كەنىت، 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى؛ يېزا بويىچە 31 پارتىيە ياچېيكىسى (بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار ياچېيكا 2)، «3 پېشقەدەملەر» لەردىن 96 ئادەم،  17 ئىتتىپاق ياچېيكىسى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏