چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئالاغىر يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، شەرقىي ئاقساقمارال يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى يەكەن ۋە مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي سېرىقبۇيا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا قاراقىرچىن دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىك قاشتېشى ئەۋلاد سايئېرىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئالاغىر يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :阿拉格尔乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى

يەر مەيدانى :357.5 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :29210 ئادەم

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

3پارچەئالاغىر يېزىسىپۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 357.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر 100 مىڭ مو، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، بوستانلىق تۈزلەڭلىك بەلۋېغى بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 77 كىلومېتىر، قاتنىشى قولاي. 

پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 357.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 72000 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 3 مو، يېزا بويىچە 20 مەمۇرىي كەنت بار، 92 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، دائىمىي تۇرۇشلۇق 6308 ئائىلىلىك، 29210 نوپۇس بار، يېزا تەۋەسىدە ئۇيغۇر، خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %99 نى ئىگەللەيدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏