چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چاسامېچىت يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى تۇتاشقان جايلار ۋە تاقىسىمان ناھىيە بازىرى بىلەن ئورالغان جايغا جايلاشقان. ناھىيە بويىچە يەتتە يېزا، ئىككى مەيدان بىلەن چېگرالىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چاسامېچىت يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :恰斯米其提乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى

يەر مەيدانى :19 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :19536 ئادەم

كىلىماتى :ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئىنتايىن قۇرغاق كىلىمات

جايلاشقان ئورنى :شەھەر-شەھەر ئەتراپى تۇتاشقان جايلار

تېلېفون رايون نۇمۇرى :0998

ماشىنا كودى :新Q

باشقا نامى :چاسامىچىت يېزىسى

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

11پارچەچاسامېچىت يېزىسىچاسامېچىت يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى تۇتاشقان جايلار ۋە تاقىسىمان ناھىيە بازىرى بىلەن ئورالغان جايغا جايلاشقان بۇلۇپ، قاتنىشى قولاي، 315-دۆلەت يولى يېزىدىن كىسىپ ئۆتۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىن شىزاڭدىكى ئالى رايونىغىچە تۇتاشقان.

يېزىنىڭ قاتنىشى قولاي، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى، كوچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىچكى مۇھىتى گۈزەل، يولى كەڭ بولغان. يېزا بويىچە كۆلىمى 19 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، تاجىك، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر گىرەلىشىپ ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان، 4631 ئائىلە، نوپۇسى 19536 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 15904 ئادەم؛ 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 97 مىيون 60 مىڭ يۈەن، 2007-يىلدىكىدىن %34 ئاشقان، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى %5030 يۈەن، 2007-يىلدىكىدىن 1261 يۈەن كۆپىيىپ، %33 ئاشقان.

چاسامېچىت يېزىسى مەمۇرىي ئورگىنى بىناسى 2008-يىلى قۇرۇلغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى ㎡1983.6؛  315-دۆلەت تاشيولى ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏