چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شاخاپ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى چېگرىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شاخاپ يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :夏合甫乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى

يەر مەيدانى :64 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :16227 ئادەم

تېلېفون رايون نۇمۇرى :0998

ماشىنا كودى :新Q

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

11پارچەشاخاپ يېزىسىشاخاپ يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسى چېگرىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.77 مو، يېزىغا قاراشلىق 18 مەمۇرىي كەنت، 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، يېزا بويىچە 3657 ئائىلە، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 16227 ئادەم. ئۇيغۇر، خەنزۇ، تاجىك، خۇيزۇ، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەتتىن تەركىب تاپقان. يېزىدا بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 35 پارتىيە ياچېيكىسى، 628 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏