چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يۈسۈپجان قېيۇم 1983-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ سانجى شەھىرى 701-كەنتىدە تۇغۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :يۈسۈپجان قېيۇم

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :ئۇيغۇر

يۇرتى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى سانجى شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1983-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى :1.73

بەدەن ئېغىرلىقى :70 كىلوگرام

كەسپى :ئۇسسۇل

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى

شەخس ئارخىپى 

4پارچەيۈسۈپجان قېيۇميۈسۈپجان قېيۇم 1983-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ سانجى شەھىرى 701-كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ناھايىتى شوخ بولۇپ، پۇتبول ئويناشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى، ماھارىتى خېلى يۇقىرى، ئۇ 1997-يىلى ئىمتىھان بېرىپ بىرلا ۋاقىتتا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئۆتكەن، لېكىن ئاتا–ئانىسىنىڭ پۇتبول ئوينىشىغا قارشى تۈپەيلى، 2001-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئۇسۇل كەسپىي بويىچە تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 2002-يىلىغا كەلگەندە، يۈسۈپجان ئىختىيارسىز ھالدا ئېرىلاندىيە تەپ ئۇسۇلىنى تەلۋىلەرچە ياقتۇرۇپ قالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏