ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىيغانجىيدە يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :齐干吉迭乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى

يەر مەيدانى :9 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :5238 ئادەم

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شىيغانجىيدە يېزىسىشىيغانجىيدە يېزىسى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 38 كېلومىتېر كېلىدىغان ئارلىققا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 9 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، يېزا بويىچە جەمئىي بەش مىللەت بار، نوپۇس 1286 ئائىلە، 5238 ئادەم، قازاقلار %85 نى ئىگىلەيدۇ، جەمئىي 925 ئائىلە، 4470 ئادەم. قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت (2 دېھقانچىلىق كەنتى، ئالتە چارۋىچىلىق كەنتى) ۋە بىر يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق يېزا-مەھەللە بار. ئۇنىڭ چېگرىسى ئىچىدە سۇ مول، چارۋىچىلىق بايلىقى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، 2533 گېكتار تەبىئىي ئوتلاق بار. پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 37900 مو، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، گازىر تاۋۇز، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار بار، 6 مىليون 660 مىڭ مو ئوتلاق بار، بېدە يېرى 16 مىڭ مو بولۇپ، چارۋىلارنىڭ ئەڭ كۆپ بېقىلىش سانى 136 مىڭ تۇياق. ئېچىشقا بولىدىغان بوز يەر 20 مىڭ مو، كۆپ خىل ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىشقا ماس كېلىدۇ، ئاشلىق زىرائىتى ۋە يەم-خەشەك زىرائىتى بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى كەڭ. 2013-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 9075 يۈەن، يېزا-كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي ئومۇمىي پايدا 252.8 يۈەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏