چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نەم يەر بولسا مۇھىت قوغداشتىكى مۇھىم بىر ساھە، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەم يەرگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان كۆز قارشى بار. ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ نەم يەرگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى مۇنداق : قۇرۇقلۇقتا دائىملىق ياكى پەسىللىك سۇ يىغىلىپ قېلىپ يەر زىيادە نەملىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن، بۇ نەم يەردىن ئۆسۈپ چىققان ئۆسۈملۈك ۋە مۇشۇ نەم يەردە ياشاۋاتقان جانلىقلار تۈرلىرى ھاسىل قىلغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :خەلقئارا نەم يەركۈنى

خەنزۇچە نامى :世界湿地日

مىلادىيە ۋاقتى :2-ئاينىڭ 2-كۈنى

مەنبە ۋاقتى :1971-يىلى

ئارقا كۆرۈنۈشى 

سۇلۇق يەر، ئورمان ۋە دېڭىز-ئوكيان دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ، بايلىقى مول، يەر شارى جانلىقلىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىللىققا ئىگە بولغاچقا، كىشىلـەر ئۇنـى «يەر شارىنىڭ بۆرىكى» دەپ ئاتىغان. كىشىلەر نەم يەرلەرنى ھەم ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتكەن، بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. مەسىلەن : كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ۋە كۈچەيگەن، قۇرغاقلىشىش كۆپىيىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى تېز ئازىيىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏