چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تېمېكى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تېمېكى يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :铁买克乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى

يەر مەيدانى :3000 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :5534 ئادەم

تېلېفون رايون نۇمۇرى :0906

پوچتا رايون نۇمۇرى :836100

ماشىنا كودى :新H

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

14پارچەتېمېكى يېزىسىتېمېكى يېزىسى كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ئېرتىش دەرياسى بىلەن قايىرتى دەرياسى قوشۇلغان جايى، شەرق تەرىپى كۆكتوقاي، غەربىي چوڭ كۆۋرۈك ئورمانچىلىق مەيدانىغا تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كۋادرات كىلومېتىر، چېگرا لىنىيەسى ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر، چۆللىشىپ كېتىش نىسبىتى %91 كە يەتكەن. يېزا بويىچە جەمئىي يېزا ئىگىلىك كەنتىدىن 6 سى، بىر چارۋىچىلىق كەنتى، يەنە بىرسى تىپىك دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقى بىرلەشتۈرۈلگەن كىچىك يېزا. يېزىدا خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقان. ئومۇمىي ئائىلە سانى 1415 ئائىلە، جەمئىي نوپۇسى 5534 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 4859 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي نۇپۇستا %70 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا بويىچە سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 15 مىليون يۈەن، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليون 860 مىڭ يۈەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏