ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بورتۈڭگى يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :博尔通古乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى

يەر مەيدانى :550 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :9404 ئادەم

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى

پىنيىنچە يېزىلىشى :bó ěr tōng gǔ xiāng

ماشىنا كودى :新G

تېلېفون رايون نومۇرى :0901

مەمۇرىي رايون ۋاكالەت نومۇرى :654223202

جۇغراپىيىلىك مۇھىتى

ئورۇن دائىرىسى

بورتۈڭگى يېزىسىبورتۈڭگى يېزىسى شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىغا، تەڭرىتاغ نىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خابىرگايىت تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي مېرىدىئان ′00°85 -′27°85، شىمالىي پاراللېل ′28°43 -′09°44. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر، 312-دۆلەت يولى بىلەن بولغان ئارلىقى 35 كىلومېتىر، غەربىي شىخۇ بايىنغۇ چارۋىچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، شەرقىي شىگوبى بازىرى غا ئۇلاش، جەنۇب تەرىپى بىلەن تەڭرىتاغ ى، خېجىڭ ناھىيەسى تۇتىشىدۇ، شىمالىي بىلەن يەنسىخەي بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 550 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر 46 مىڭ مو، تەبىئىي ئوتلاق 1653000 مو.

يەر شەكلى

تىپىك تاغلىق يەر شەكلىگە تەۋە بولۇپ، يەر شەكلى جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس.

كىلىماتى

بورتۈڭگى يېزىسى تاغ ئارىسىدىكى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى جىلغىسىغا جايلاشقان، كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە. قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن، قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃4.3. قىروسىز مەزگىلى 157~161 كۈن ئەتراپىدا، كېلىماتى نىسبەتەن ئىللىق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، مۇھىتى بۇلغانمىغان، ئېكولوگىيەلىك شارائىتى بىر قەدەر ياخشى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏