چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ما فۇشىڭ، ئەر، خۇيزۇ. 1866-يىلى يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيەسىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇسۇلمانچە ئىسمى مۇھەممەت يۇنۇس. قەشقەردە تونۇلغان ئىسمى ما تىتەي.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مۇھەممەت يۇنۇس

خەنزۇچە ئاتىلىشى :ما فۇشىڭ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1866-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1924-يىلى

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خۇيزۇ مللىتى

يۇرتى :يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيەسى

قەشقەردە تونۇلغان ئىسمى :ما تىتەي

ھاياتى ئۆمرى

ما فۇشىڭما فۇشىڭ، ئەر، خۇيزۇ. 1866-يىلى يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيەسىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇسۇلمانچە ئىسمى مۇھەممەت يۇنۇس. قەشقەردە تونۇلغان ئىسمى ما تىتەي. ما فۇشىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ چامباشچىلىق گۇمپىلىرىنى ئۆگىنىپ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۈچتۈڭگۈر، قارام نوچىلاردىن بولۇپ يېتىلگەن. ئەينى چاغدىكى يۈننەننىڭ دوتىيى ما فۇلۇغا ياراپ قالغان، ما فۇشىڭ ئۇنىڭ سارىيىدا قورۇقچىبەگلىك مەنسىپىگە ئېرىشىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك مەنسەپدارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

1900-يىلى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە قوشۇنى مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بېيجىڭ غا قوشۇن تارتقاندا، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغان سىشى تەيخۇ شىئەنگە قاچقان. يۈننەن دوتىيى ما فۇلۇ كۈچتۈڭگۈر ما فۇشىڭنى سىشى تەيخۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىگە ئەۋەتىپ بەرگەن سىشى تەيخۇ شىئەندىكى گۈەندىمىياۋ بۇتخانىسىغا كۈجە يېقىپ باش ئۇرغىلى بېرىپ، بۇتخانىدا ساقلىنىۋاتقان ناھايىتى زور بىر قىلىچنى كۆرۈپ: «ۋاھ، ئەجەپ چوڭ قىلىچكەنغۇ، قانداق ئادەم ئىشلىتەلەيدىغاندۇ؟!» دەپ ھەيران قالغان. ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى كەلگىنىنى پەملىگەن ما فۇشىڭ قىلىچ ئوينىتىپ ماھارەت كۆرستكەن ۋە چىرايىدا ھېچبىر زورۇققانلىق ئالامىتى كۆرۈلمىگەن. سىشى تەيخۇ: «ۋاھ، نېمىدىگەن باتۇرلۇق بۇ!» دەپ ئۇنىڭغا بارىكاللا ئوقۇپ، خېنەننىڭ مەسلىھەتچى سانغۇنلۇقىغا تەيىنلىگەن. كىيىنكى كۈنلەردە خاتالىشىپ، ئەمىلى ئېلىپ تاشلانغان ما فۇشىڭ شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنىپ، «ئۈچبۇلاق» (سەنداۋبامىچۈەن) دېگەن يەردە تېرىقچىلىق قىلىپ جان باققان.

1912-يىلى ياڭ زېڭشىن، فېن تېمىڭ قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلار قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللايدىغان ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچىگە قوشۇن تارتقان. ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي-مەمۇرىي سىلاۋچى بېگى يۈەن داخۇا ياڭ زىڭشىننىڭ «توپىلاڭچىنى تىنجىتىمىز دەيدىكەنمىز، خۇيزۇ لاردىن ئەسكەر ئېلىپ، خەنزۇ قوشۇنىنى ئىسكەنجىگە ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەن تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا نەش باتالىيون ئەسكەر ئېلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. ما فۇشىڭ شۇ چاغدا ياڭ زېڭشىن نىڭ يۆلىشى بىلەن بىر باتالىيون خۇيزۇ قوشۇنىغا تۇڭلىڭ (يىڭجاڭ) بولۇپ سىياسىي سەھنىگە چىققان. كېيىنچە يۈەن داخۇانىڭ ھوقۇقى ياڭ زېڭشىن نىڭ قولىغا ئۆتۈپ، شىنجاڭدا دەۋر سۈرگەندە، ما فۇشىڭ ئۇنىڭ ئەڭ ئشەنچىلىك قولچۇمىقى بولۇپ ئەتىۋارلانغان ۋە ئۆز قولى بىلەن تۆمۈر خەلىپە نى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر باتالىيون ئۇيغۇر ئەسكىرىنى سۈيقەست بىلەن يوقىتىپ، ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەچكە، ھىيلىگەر ياڭ زېڭشىن «خۇيزۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئسكەنجىگە ئېلىش» پىلانىنى تۈزۈپ،1915 -يىلى ما فۇشىڭنى قەشقەرنىڭ ياساۋۇل بېگى (تىتەي- ھەرنىي قوماندان) لىكىگە تەيىنلىگەن.

ما فۇشىڭ قەشقەرنىڭ تىتەيلىكىگە كۆتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەربىي قوماندانىغا ئايلانغاندىن كىيىن، يېڭىشەھەر ناھىيەسى دىكى تىتەي يامۇلى (بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى) غا ئورۇنلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گېلاۋخۇيچىلارنى تازىلاش باھانىسىدە ھەر مىللەت خەلقىنى شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇپ، ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيىتى ئۈچۈن يۇشۇرۇن خەۋىپ-خەتەرلەرنى بىلەن بىرگە ئۆزى ئۈچۈن بىھىساب بايلىق توپلاپ، قانخور جاللات ياڭ زېڭشىن نىڭ ئەڭ قابىل قولچۇمىقىغا ئايلانغان. 

ما فۇشىڭ قەشقەر ۋىلايىتى گە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي يېڭىشەھەر ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى قومۇشلۇقلىرى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلاقلىرىغا كۆز يەتمەيدىغان؛ ئەتراپى بۈككىدە ئۆسكەن تەبىئىي ئورمانلىق ۋە جىگدىلەر بىلەن ئورالغان؛  قىرغاۋۇل، غاز، ئۆردەك لەر؛ تۈلكە، كىيىك، توشقان ۋە باشقا جان-جانىۋار، ئۇچار قاناتلارغا ماكان بولغان؛ تۇپرىقى مۇنبەت «پاقىلىق» (ھازارقى «ساۋخۇ» ) قا كۆزى چۈشۈپ، ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك داچا سالدۇرۇپ، ئەيىش-ئشرەتلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يۇرت-يۇرتقا ياغاچ-تاش ۋە ئەمگەكچى ھاشىرى سېلىپ، قەشقەر خەلقىنىڭ بايلىقى ۋە كۈچى بىلەن ياسالغان قەسىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى بىر كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئالدى ۋە ئارقا قەسىرگە ئايرىلغان داچا ئېگىزىلىكى 4 مېتىر، قېلىنلىقى 6 مېتىرلىق سېپىل بىلەن ئېھاتە قىلىنغان. كونا شەھەر ناھىيەسى نىڭ لەڭگەر يېزىسىغا خەلقنىڭ بايلىقى، خەلىقنىڭ كۈچى بىلەن ئىككىنچى داچىسىنى ياسىتىشىقا ئۈلگۈرگەن ما فۇشىڭ تىتەي يامۇلى بىلەن بىر كوچا ئايرىلىپ تۇرىدىغان يەرگە ئىككى قەۋەتلىك ياتاق بىناسى ۋە باغچە سالدۇرۇپ، بىنانىڭ ئىككىنىچى قەۋىتنى ئاسما كۆۋرۈك بىلەن يامۇلغا تۇتاشتۇرۇپ، ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ئىشقا ماڭغان، ئشتىن چۈشكەن چاغلاردا مەخسۇس ئۆزىلا ماڭغان. 

ما تىتەينىڭ كەيپى ياخشى كۈنلىرى كوچىدا كېلىپ-كېتىۋاتقان كىشىلەرگە ئاسما كۆۋرۈكتە تۇرۇپ بىر-ئىككى ئوچۇم يارماق چېچىپ، بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ پۇل تېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەردىن كۆڭۈل ئاچقان (ئەينى چاغدىكى يېڭىشەھەر ناھىيەسى دىكى بىردىن-بىر پىششىق خىش، ياغاچ قورۇلمىلىق زور بىنانىڭ ئاسما كۆۋرۈكى ما تىتەي ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ئېلىۋېتىلگەن. ئەمما بىنا 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بار ئىدى. بۇ ئورۇن ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ ئامبۇلاتورىيەسى قىلىندى).

ما فۇشىڭنىڭ تۇمۇش ئستىلى چىرىك، ئەخلاقى ناچار بولۇپ، ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، يۈننەنلىك جېجاڭلىق خوتۇنىلىرنىڭ ئۈستىگە قەرلىك بىر ئۇيغۇر خوتۇن ئالغان. ئەتىدىن كەچكىچە ھەرەمخانىدىن چىقماي، ھاراق-شاراب، خوتۇن قىزلار بلەن ئەيىش-ئىشرەت قۇرىدىغان ما فۇشىڭ « ئاسراندى» نامىدا بېقىۋالغان ئون نەچچە خۇيزۇ، خەنزۇ قىزلىرىنى مەجبۇرى خوتۇن قىلىش بىرگە، كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ھەر مىللەت خوتۇن قىزلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلغان. 

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ما فۇشىڭ ئۈچۈن ئاياغ كىيىم تىكىدىغان بىر خەنزۇ مۇزدوز تەكلىپ بويىچە خوتۇنىنى ئېلىپ ئۇنىڭ قەسىرىگە مېھماندارچىلىققا بارغان. كەچتە ما فۇشىڭ ئېرىنى كەتكۈزۈۋېتىپ، خوتۇنىنى ئېلىپ قالغان. ما فۇشىڭنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن مۇزدوز كەتمەي، بىر يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان. ما فۇشىڭ مۇزدوزنىڭ خوتۇنى ئۈچۈن يېڭىدىن داستىخان راسلاپ، شاراب ئىچىشنى باشلىغاندا، مۇزدوزنىڭ ياش ۋە چىرايلىق خوتۇنى ما تىتەيگە كەينى-كەينىدىن شاراب تۇتۇپ، شاراب ناخشىسى ئېيتىپ ھەسرىتنى ئىپادىلىگەن. مۇزدوز يوشۇرۇنۇپ ياتقان يېرىدىن چىقىپ ما تىتەي قەسىرىگە ئوت قويۇۋەتكەن. پىششىق خىش، ياغاچ قورۇلمىلىق ياسىداق قەسىر بىر ئاخشامدىلا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان.

«قۇشقاچ ئالۋىنى»

ئىستىبدات ما فۇشىڭ قانۇننى كۆزگە ئىلماي، ھەددىدىن ئېشىپ، قەشقەردە ئۆزى خالىغان مىقداردا، ئۆزى خالىغان نام-ئاتاقتا باج-خىراج، ئالۋان ياساقلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. «قۇشقاچ ئالۋىنى» ئۇنىڭ بىر مىسالى. ئەركەك قۇشقاچنىڭ تىلىدا ياسالغان قۇۋۋەت دورىسى شەھۋەتنى قوزغايدۇ، دەپ ئاڭلىغان ما تىتەي يۇرت-يۇرتقا قۇشقاچ ئالۋىنى چاچقان. ھەر بىر ئائىلە 100 دىن ئەركەك قۇشقاچ تاپشۇرۇشقا، تۇتالمىغانلار قۇشقاچ بەدىلىگە پۇل تۆلەشكە مەجبۇرلانغان. پۇلى يوق، قۇشقاچمۇ تاپشۇرالمىغانلار جازالانغان، قارشى چىققۇچىلار تۈرمىگە تاشلانغان ياكى پېيى كېسىلگەن. 

«مۇم ئالۋىنى»

«مۇم ئالۋىنى» ئۇنىڭ ئىككىنچى كەشپىياتى. ئۇ ئۇلۇغچات ناھىيەسى نىڭ قىزىلئۆي ئەتراپىدىن داۋاملىق نېفىت ئۆرلەپ چىقىدىغانلىقىنى، بەزى سازلىقلارنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت نېفىت لەيلەپ يۈرگىنىنى، بەزى يەرلەردە نېفىتنىڭ ئويۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلۇغچات خەلقىگە «موم» قېزىش ئالۋىنى، قەشقەر، يېڭىشەھەر ۋە باشقا جايلاردىكى دۇكاندار-سودىگەرلەرگە «مۇم» سېتىش ئالۋىنى چاچقان. بۇ خىل ساختا تىجارەتنى رەت قىلغان تىجارەتچىلەر، قاراماينى مۇم ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، سېتىۋېلىشنى رەت قىلغان مۇزدوزلار جازالانغان. بەزىلىرىنىڭ پېيى كېسىۋېتىلگەن. ئۇ يەنە قانۇنى قالايمىقان تەدبىقلاپ، يانچۇقچىلارنىڭ قولىنى بېغىشىدىن ئوغۇرلارنىڭ پېيىنى ئۇشۇقىنىڭ تۈۋىدىن كېسىپ ناكا رقىلغان ئۇ دەۋىر سۈرگەن ئون يىلدا پېيى ېسىلىپ قولى ناكار بولۇپ قالغان، ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانى بەك كۆپ بولغان. شۇڭا قەشقەر خەلقى: «ماتىتەي تۇلۇم چاشقان، ئالۋاننى تۇلا چاچقان...» دېگەندەك قوشاقلارنى توقۇپ«مۇمچى تاز» لەقەملەرنى قويۇپ، ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن. 

زۇلۇم 

مافۇشىڭنىڭ زۇلۇم سىتەم زورلۇق زومبۇرلىقىنى چەكتىن ئاشقاندا، قەشقەر خەلقى ياڭ زېڭشىن غا ئەرز قىلغان ئۆز ۋاقتىدا ياڭ زېڭشىن نىڭ تەخىتكە چىقىش ئۈچۈن پۇتىغا خىش قويغان ئۇنىڭ ھاكىمىيتىنىڭ مۇۇستەھكەمكىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان، ماتىتەينىڭ قىلمىش ئەتمىشلرىرىگە ياڭ زېڭشىن بىر كۆزىنى قىسىۋېلىپ، كەينىكەينىدىن كېلىۋاتقان ئەرز شىكايەتلىرىنى كۆز يۇمۇۋېلىپ ئېتىبارسىز قالدۇرغان. ئوغلىنى قەشقەر شىئاتەيلىكىگە تەيىنلەپ كونا شەھەر يۇمىلاق شەھەر قەلئەسىدە تۇتقان. قىزىنى تىتەي يامۇلى مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونىنىڭ يىڭجاڭلىقىغا، يېشىغا توشمىغان ئوغلىنى كۆمۈرچىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، ئۆز جەمەتى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا، قەشقەردىكى چوڭ كىچىك مەنسەپلەرنى ئىەىلىتىپ، قەشقەر ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسى دە خۇيزۇلار نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، قوشۇن كۆپەيتكەن. ئۇنىڭ چىقىملىرىنى خەلقكە چاچقان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏