چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاقسوپى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى ئاقسوپى كەنتى، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 28 كىلومېتر. يېزا بويىچە مەمۇرىي رايون كۆلىمى 397.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قارمىقىدا 4 مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 7 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى، ئۈچ چارۋىچىلىق نۇقتىسى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاقسوپى يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :阿克苏普乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى

يەر مەيدانى :397.5 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :2073 ئادەم

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى

قۇرۇلغان ۋاقتى :1987-يىلى

تېرىلغۇ يەر كۆلىمى :20783 مو

تېلېفون رايون نۇمۇرى :0996

ماشىنا كودى :新M

ئۇمۇمىي ئەھۋالى 

8پارچەئاقسوپى يېزىسىئاقسوپى يېزىسى لوپنۇر ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. 1987-يىلى قۇرۇلغان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى ئاقسوپى كەنتى بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 28 كىلومېتىر. ئاھالىسى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ لاردىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇيغۇرلار ئاممىنى ئاساس قىلغان. نوپۇس 2073 ئادەم، بۇلار ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى 498 ئائىلە، 1820 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 74 ئائىلە، 253 ئادەم. يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1864 ئادەم، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %88.97 نى، شەھەر-بازار نوپۇسى 231 ئادەم. ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 20783 مو. چارۋا تۇياق سانى 22881 تۇياق (دانە). ئاقسوپى يېزىسى ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىك نامرات يېزا، ھازىر بار بولغان نامرات ئائىلە 44 كە، نامرات نوپۇسى 194 ئادەم.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏