ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بايىنغۇلىن يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :巴音郭愣乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى

يەر مەيدانى :3571.79 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :1836 ئادەم

تېلېفون رايون نۇمۇرى :0996

ماشىنا كودى :新M

تۇنۇشتۇرۇلىشى

12پارچەبايىنغۇلىن يېزىسىبايىنغۇلىن يېزىسى خېجىڭ ناھىيەسى غەربىي شىمالى قىسىمىدىكى تاغلىق رايون، خېجىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 320 كىلومېتىر، شەرق تەرىپى بايانئۇل يېزىسى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبىي قىسىمى بۈگۈر ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تېكەس ناھىيەسى، توققۇز تارا ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى كۈنەس ناھىيەسى بىلەن قوشنا، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتىر كېلىدۇ، مەمۇرىي يۈزى 3571.79 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتلاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۆلىمى 3 مىليون 33 مىڭ مو، يىللىق ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃28، يىللىق ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃48-. يېزا بويىچە 454 ئائىلە، 1836 ئادەم، بۇلار ئىچىدە چارۋىچىلىق ئائىلە سانى 336 گە، چارۋىچىلىق نوپۇسى 1524 ئادەم.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏