چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەشقەرنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، ياغلىق دان زىرائەتلىرى قاتارلىقلار بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەشقەرنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

 قەشقەرنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، ياغلىق دان زىرائەتلىرى قاتارلىقلار بار.

كېۋەز

 قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە كېۋەزنىڭ تېرىلىش تارىخى ئۇزاق. ۋېي، جىن سۇلالىرى دەۋرىدە ھازىرقى قەشقەر دەرياسى، يەكەن دەرياسى ۋادىسىدا كېۋەز تېرىلىشقا باشلىغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشى تۆۋەن ھوسۇل، تۆۋەن سەۋىيە ھالىتىدە تۇراتتى. 1949-يىلى كېۋەز كۆلىمى 270 مىڭ 300 مو، بىرلىك ھوسۇلى 16.53 كىلوگىرام، ئومۇمىي ھوسۇلى 3043 توننا ئىدى. 1959-يىلىغا كەلگەندە، كېۋەز كۆلىمى 717 مىڭ 900 موغا، بىرلىك ھوسۇل 28.5 كىلوگىرامغا، ئومۇمىي ھوسۇلى 20 مىڭ 500 توننىغا يەتتى. 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشى تېز تۆۋەنلەپ كەتتى. 1962-يىلى كېۋەز كۆلىمى 716 مىڭ 500 مو بولدى، ئومۇمىي ھوسۇلى 11 مىڭ 100 توننىغا چۈشۈپ، 1959-يىلىدىكىدىن %45.9 ئازىيىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەركەزنىڭ «تەڭشەش، مۇستەھكەملەش، تولۇقلاش، ئۆستۈرۈش» فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى قايتا يۈكسىلىشكە باشلىدى. 1966-يىلىغا كەلگەندە كېۋەز كۆلىمى جەھەتتە تۇنجى قېتىم 1 مىليون مولۇق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈلدى، ئومۇمىي مەھسۇلات 29 مىڭ 100 توننىغا يەتتى. 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە بولغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، «ئاشلىقنى تۇتقا قىلىش» بىر تەرەپلىمە ھالدا تەشكىللەنگەنلىكتىن، قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى تۆۋەنلەپ كەتتى، 1976-يىلى كېۋەز كۆلىمى 789 مىڭ 900 موغا چۈشۈپ قالدى، ئۇ 1966-يىلىدىكىدىن 252 مىڭ 200 مو، يەنى %24.2 ئازىيىپ كەتتى؛ بىرلىك مەھسۇلات 25.5  كىلوگىرام بولدى، ئومۇمىي مەھسۇلات 20 مىڭ 200 توننا بولۇپ، 1966-يىلىدىكىدىن 8900 توننا، يەنى %30.8 ئازىيىپ كەتتى. 80-يىللاردىن باشلاپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا «پاكار، قويۇق، بالدۇر» بولۇشتىن ئىبارەت ئۆستۈرۈش تېخنىكسىنى قوللىنىپ، سولياۋ يوپۇق يېپىپ كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە خىمىيەۋى ئۇسۇلدا تىزگىنلەش، خىمىيەۋى ئۇسۇلدا تېزلىتىش تېخنىكىسى يانداشتۇرۇپ قوللىنىلدى، «پاكار، قويۇق، بالدۇر» بولۇش تېخنىكىسىنى قوللانغاندا ئادەتتە ھەر مو يەردە قالدۇرۇلغان تۈپ بۇرۇنقى 5000 تۈپتىن 8000 تۈپكە، ھەتتا 12 مىڭ تۈپتىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلدى. بالدۇر تېرىپ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئارقىسىدا، قىروۋ چۈشۈشتىن ئاۋۋالئېچىلىپ بولىدىغانلىرى ئىلگىرى %60 بولغان بولسا، 1990-يىلى %80 كە يەتتى، سولياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىر قېتىم سېلىنغان ئۇرۇقنىڭ تولۇق مايسىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، يەنە ئەتىيازدىكى قۇرغاقچىلىق، قىش پەسلىدىكى ئۈششۈككە بەرداشلىق بېرىش، قىشلىق توڭ ياتقۇزىلىدىغان ئاق يەرنى كۆپەيتىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۇنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەتىياز پەسلىدىكى زىرائەتلەرگە كېرەكلىك سۇ جەھەتتىكى زىددىيەت يەڭگىللىتىلدى. قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە سولياۋ يوپۇق يېپىلغان كېۋەز 1982-يىلى540 مو بولغان بولسا، 1990-يىلى 1 مىليون 350 مىڭ موغا يەتتى. توققۇز يىل ئىچىدە سولياۋ يوپۇق يېپىلغان كېۋەز كۆلىمى 5 مىليون 900 مىڭ موغا يەتتى. كۆپ يىللىق تەجرىبىدىن مەلۇم بولدىكى، سولياۋ يوپۇق يېپىلغان كېۋەزنىڭ ھەر موسىدا ئادەتتىكى كېۋەزنىڭكىگە قارىغاندا %30 سۇنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، ساپ پاختىنى ئادەتتىكى كېۋەزنىڭكىگە قارىغاندا مو بېشىغا 17.5 كىلوگىرام ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن جەمئىي ئاشۇرۇلغان مەھسۇلات 103 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، كۆلەم جەھەتتە 1 مىليون مولۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، ئومۇمىي مەھسۇلات 1 مىليون دەندىن ئېشىش، بىرلىك مەھسۇلات 100 جىڭدىن ئېشىش، مو بېشى كىرىمى 100 يۈەندىن ئېشىش، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم ئىچىدە پاختا كىرىمى 100 يۈەندىن ئېشىشتەك يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى ھەمدە مو بېشىغا 150 كىلوگىرام ساپ پاختا چىقىدىغان تۇتا بۆلەكلەرمۇ بارلىققا كەلدى.

 كېۋەز سورتى جەھەتتە «ئارمىيە كېۋىزى 1-نومۇر»، «چوڭ غوزىلىق كېۋەز»، «يېڭى قۇرۇقلۇق چىلگە كېۋەز 1-نومۇر» قاتارلىق سورتلار پىلانلىق كېڭەيتىلىپ، «108 فۇ» كېۋىزىنىڭ ئورنىغا قويۇلدى. 1988-يىلىدىن كېيىن يەنە «يېڭى قۇرۇقلۇق 1-نومۇر» (زەھەرسىز) ئۈلگە كۆرسىتىش ئاساسىدا كېڭەيتىلدى.

  «7-بەش يىللىق پىلان» (1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە) مەزگىلىنىڭ ئاخرىدىن باشلاپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش نىشانى ۋە تېخنىكىسى بويىچە ھۆددىگەرلىكنى قاتلاممۇ قاتلام يولغا قويدى، بۇنىڭدا رەھبەرلەر، تېخنىكلار ۋە ئاممىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، 1990-يىلى ۋىلايەت بويىچە 1400 كادىر ۋە 400 تېخنىكا خادىمى 108 مىڭ مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالدى، مو بېشى ساپ پاختا مەھسۇلاتى 150 كىلوگىرام بولغان زور بىر تۈركۈم كېۋەزلىكلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. 1983-يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى 63 ئائىلىلىك  دېھقان 63.6 مو كېۋەزدىن مو بېشىغا 150 كىلوگىرام پاختا ئالدى، مارالبېشى ناھىيەسىدە سولياۋ يوپۇق يېپىلغان 5000 مو كېۋەزلىكتىن مو بېشىغا 104.5 كىلوگىرام پاختا ئېلىندى.

1990-يىلى كېۋەز كۆلىمى 1980-يىلىدىكى 866 مىڭ 900 مودىن كۆپىيىپ 1 مىليون 771 مىڭ 400 موغا يەتتى، 10 يىلدا 904 مىڭ 500 مو كۆپەيدى، يىلىغا %7.4 تىن كۆپىيىپ باردى. ئومۇمىي مەھسۇلات 21 مىڭ 800 توننىدىن كۆپىيىپ، 135 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، 113 مىڭ 600 توننا ئاشتى؛ يىلىغا %17.9 تىن كۆپىيىپ باردى.

   پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، پاختا كىرىمى 1980-يىلىدىكى 89 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ، 1990-يىلى 1 مىليارد 105 مىليون يۈۈەنگە يېتىپ، 12.4 ھەسسە ئاشتى. بۇ كىرىم تېرىقچىلىق كىرىمىنىڭ %65.5 ىنى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %70.5 ىنى ئىگىلىدى.

ياغلىق دان زىرائەتلىرى

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ياغلىق دان زىرائەتلىرىدە زىغىر، قىچا، ئاپتاپپەرەس ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، خاسىڭ، كۈنجۈت، زاراڭزا ئاز تېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە زىغىرنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە تېرىلىش تارىخى 2000 يىلدىن ئاشىدۇ، ئاساسەن يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، كونا شەھەر، يېڭىشەھەر، يېڭىسار، پەيزىۋات، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ياغلىق دان زىرائەتلىرى ئادەتتە بىر قەدەر ناچارراق يەرلەرگە تېرىلىدۇ، تېرىقچىلىق تۈجۈپىلەنمەيدۇ، ئۇرۇق سېلىش ۋاقتى بىرقەدەر كېيىن بولىدۇ، ئېتىز پەرۋىشى، ئوغۇتلاش كەمدىن-كەم بولىدۇ.






يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏