چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بالغۇنتاي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون بۇلۇپ، شەرقىي توقسۇن ناھىيەسى، غەربتە غۇلجا شەھىرى، جەنۇبتا خېجىڭ ناھىيە بازىرى، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن قوشنا. ناھىيە بازىرىدىن بالغۇنتاي بازىرىغىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى 62 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 3020 كۋادرات كىلومېتىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بالغۇنتاي بازىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :巴仑台镇

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :بازار

تەۋە رايون :بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى

يەر مەيدانى :3020 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :5381 ئادەم

كىلىماتى :ئىللىق چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى

ئورمان كۆلىمى :123 مىڭ 600 مو

تېرىلغۇ يەر كۆلىمى :200 مو

تېلېفۇن رايون نۇمۇرى :0996

ماشىنا كودى :新M

ئۇمۇمىي ئەھۋالى

4پارچەبالغۇنتاي بازىرىبالغۇنتاي بازىرى خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون بۇلۇپ، 1988-يىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ تەستىقى بىلەن يېزا رايونى بالغۇنتاي بازىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ بازار قۇرۇلغان. بازار ئىچىدە 20 نەچچە ئورۇن، 5 بازار تۇرۇشلۇق قىسىم، قارىمىقىدا ئالتە مەمۇرىي كەنت، بىر مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتى بار. بازار بويىچە نوپۇسى 2116 ئائىلە، 5381 ئادەم (يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 810 ئائىلە، 2492 ئادەم)، ئاساسلىق ئاھالىسى موڭغۇل، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق بەش مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %75 تىن يۇقىرى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏