ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :زەھەر چېكشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش چارىسى

خەنزۇچە نامى :强制戒毒办法

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :1995-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

ھۆججەت :گوۋۇيۈەننىڭ 170-نومۇرلۇق پەرمانى

ئاساسىي مەزمۇنى 

1-ماددا بۇ چارە زەھەر چېكىپ، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرگە زەھەر چېكىشنى تاشلاش توغرىسىدا تەربىيە،ياردەم بېرىش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي سالامەتلىكىنى ئاسراش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قوغداش مەقسىتىدە «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ زەھەرنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارى »غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارىدا ئېيتىلغان زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش، زەھەر چېكىپ، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە مەمۇرىي تەدبىرلەر ئارقىلىق دورا بىلەن مەجبۇرىي داۋالاش، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە ئۇلارغا قانۇن –تۈزۈم تەربىيىسى،ئەخلاق تەربىيىسى بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ زەھەر خۇمارىنى تۈگىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش خىزمىتىگە ج خ ئورگانلىرى مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە تارماقلىرى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

4-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ بىر تۇتاش پىلانلايدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ج خ ئورگانلىرى لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە يوللاپ تەستىقلايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ پىلان تارماقلىرى، مالىيە تارماقلىرى زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ ۋە ئېھتىياجىلىق خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانى ۋە مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

5-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىشكە تېگىشلىك زەھەر چېكىپ، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەر ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلار دېيىلىدۇ) گە، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇشنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگانلىرى بەلگىلەيدۇ.

زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش توغرىسىدىكى قارار زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلار زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، شۇ كىشىگە تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىشى كېرەك. زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش توغرىسىدىكى قارار چىقىرىلىپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، تۇرۇشلۇق ئورنىغا ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ساقچىخانىسىغا ئۇقتۇرۇلۇشى كېرەك.

6-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ۋاقتى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ. بۇ ۋاقىت زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش مۇددىتى توشسىمۇ، زەھەر خۇمارى تۈگمىگەن زەھەرچېكىشنى تاشلىغۇچىلار توغرىسىدا، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسلىدە قارار چىقارغان ج خ ئورگىنىغا تەستىقلىتىپ، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ:لېكىن ئەمەلىي ئىجرا قىلىنغان زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش مۇددىتى ئۇدا ھېسابلىغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

7-ماددا زەھەرچېكىشنى تاشلىغۇچىلار زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش قارارىغا ۋە زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قايىل بولمىسا، «مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ. زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

8-ماددا زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلار زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرگەندە، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى خادىملاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارغا ئەۋەتكەن نەرسە-كېرەكلىرى، خەت –چەكلىرى، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنى خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

9-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنى زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارنى جىنىسقا قاراپ ئايرىم باشقۇرىدۇ، زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچى ئاياللارنى ئايال خادىملار باشقۇرىدۇ.

10-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ خادىملىرى، زەھەر چېكىشىنى تاشلىغۇچىلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى كېرەك.ئۇلارنى ئۇرۇش، تىللاش، ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلار زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى، داۋالاشقا ماسلىشىشى، تەربىيىنى قوبۇل قىلىشى شەرت.

11-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنى زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارغا دورا بىلەن داۋالاش تەدبىرىنى قوللانغاندا، داۋالاش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى:ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسى ۋە روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىشتە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي قائىدە-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرۈشى شەرت.

12-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنى زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارغا قارىتا زۆرۈر قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلار ئارىسىدا، ئۆلۈم –يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنى زەھەر خۇمارى تۇتۇش سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆزى يارىلاندۇرۇۋېلىش، ئۆزىنى ئۆزى ناكا قىلىۋېلىش ياكى باشقا زىيانلىق قىلمىشلاردا بولۇش ئېھتىمالى بولغان زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارغا قارىتا، قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

13-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنى زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارنى دورا بىلەن داۋالىغان، پىسخىكىلىق داۋالىغان ۋەئۇلارغا قانۇن –تۈزۈم تەربىيىسى، ئەخلەق تەربىيىسى بەرگەندىن سىرت، زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ مۇۋاپىق ئەمگەكلەرگە قاتناشتۇرسا بولىدۇ.

14-ماددا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنى زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى يوقلىشىغا يول قويۇشى كېرەك.يوقلىغۇچىلار زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى شەرت.زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلار زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش مەزگىلىدە بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كېسەل بولۇپ، خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا، ئۆلۈپ كەتسە، ياكى باشقا يوللۇق سەۋەبلەر بىلەن زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن ئايرىلسا بولىدۇ.زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن ئايرىلىش ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

15-ماددا زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارنىڭ زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش مەزگىلدىكى تۇرمۇش خىراجىتى ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى شۇ كىشى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

16-ماددا زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلار زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتسە، ج خ ئورگانلىرى قانۇن دوختۇرى ياكى بەلگىلەنگەن دوختۇرلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆلۈم ئەھۋالىنى باھالاپ بېكىتىپ، شۇدەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئۇقتۇرۇشنامىسىنى تولدۇرۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، تۇرۇشلۇق ئورنىغا ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ساقچىخانىسىغا ئۇقتۇرىدۇ:ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تاپشۇرۋالمىغان جەسەتنى ج خ ئورگىنى سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ج خ ئورگانلىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى باھالاش ماتىرىيالى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

17-ماددا زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارنىڭ تېخى بىر تەرەپ قىلىنمىغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە دائىر باشقا قىلمىشلىرى بولسا، ئۇنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

18-ماددا ج خ ئورگانلىرى زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇشنى قارار قىلغان ياكى زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى تەستىقلىغانلارنىڭ زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ۋاقتى توشقان بولسا، زەھەر چېكىشنى تاشلاتقۇزۇش ئورنى زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇشنى توختىتىشى، ئەسلىدىكى قارار چىقارغان ج خ ئورگىنى زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇشنى توختىتىش ئىسپاتى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ساقچىخانىسىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

19-ماددا زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارغا زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش توختىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلار يۇقىرى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەمسىتىلمەيدۇ، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش توختىتىلغان زەھەر چېكىشنى تاشلىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ساقچىخانىسى ئۇنىڭغا داۋاملىق ياردەم-تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭ قايتىدىن زەھەر چېكىشى، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

20-ماددا زەھەر چېكىپ، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، خۇمار بولۇپ قالغانلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىرىغا، زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ سىرتىدا، زەھەر چېكىشنى چەكلىك مۇددەتتە تاشلاتقۇزۇش كېرەك:

جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسىلى ۋە باشقا ئېغىر كېسىلى بارلار:

ھامىلدار بولغان ياكى ئېمىتىۋاتقان بىر ياشقا توشمىغان بالىسى بارلار:

زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا زەھەر چېكىشنى تاشلاتقۇزۇشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋالى بارلار.

يۇقىرىدىكى تارماقلاردا ئېيتىلغان كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ج خ ئورگىنى زەھەر چېكىشنى تاشلاش ئۇقتۇرۇشنامىسى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ساقچىخانىسى ئۇلارنى نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

21-ماددا داۋالاش ئورۇنلىرى زەھەر چېكىشنى تاشلاتقۇزۇش، خۇمارنى تۈگىتىش، داۋالاش كەسپىنى يولغا قويماقچى بولسا، ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەستىقلايدۇ ھەم شۇ دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. داۋالاش ئورۇنلىرى زەھەر چېكىشنى تاشلاتقۇزۇش، خۇمارنى تۈگىتىش، داۋالاش كەسپىنى يولغا قويغاندا، ج خ ئورگىنىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ھەر قانداق كىشىنىڭ زەھەر چېكىشنى تاشلاتقۇزۇش، خۇمارنى تۈگىتىش، داۋالاش كەسپىنى يولغا قويۇشىغا بولمايدۇ.

22-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏