چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چوڭ ئاق تۇرنا چوڭ تىپتىكى سۇ كەچكۈچى قۇش بولۇپ، يېتىلگەن قۇشنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، تۇمشۇقى قارا رەڭدە، بېشىدا قىسقا پۆپۈكى بار، مۈرە ۋە مۈرە ئارىسىدا ھاسىل بولغان ئۇزۇن غۇژمەك كۈلرەڭ تۈكى بار، كەينىگە سوزۇلغان، ئادەتتە قۇيرۇق ئۇچى ئون نەچچە سانتىمېتىردىن ئارتۇق، بەزىدە ئاشمايدۇ، چوڭ ئاققوتاننىڭ پەي غول قىسىمى قاتتىق، ئۇچ كىچىك شاخچىلىرى ئىنچىكە تارقاق، قىشلىق پەيلىرى بولغان قۇشنىڭ ئارقا تاجى يوق، كۆز پەردىسى سۇس سېرىق رەڭدە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چوڭ ئاق تۇرنا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :大白鹭

ئىنگلىزچە نامى :Great Egret، Great White Heron، Great White Egret، Casmerodius albus، Egretta alba

تارقالغان رايونلار :يەر شارى مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرى

تەۋەلىكى :ھايۋانات دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

تۈركۈمى :لەيلەكسىمانلار

ئائىلىسى :لەيلەك ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئاققوتان ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئاققوتان

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

خەنزۇچە باشقا نامى :白鹭鸶、鹭鸶、白漂鸟、大白鹤、白庄、白洼、雪客

لاتىنچە ئىلمىي نامى :Ardea alba

باشقا نامى :چوڭ ئاق قۇتان، چوڭ ئۇقار

پىنيىنچە يېزىلىشى :dà bái lù

تونۇشتۇرۇلۇشى

5پارچەچوڭ ئاق تۇرناچوڭ ئاق تۇرنا چوڭ تىپتىكى سۇ كەچكۈچى قۇش بولۇپ، يېتىلگەن قۇشنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، تۇمشۇقى قارا رەڭدە، بېشىدا قىسقا پۆپۈكى بار، مۈرە ۋە مۈرە ئارىسىدا ھاسىل بولغان ئۇزۇن غۇژمەك كۈلرەڭ تۈكى بار، كەينىگە سوزۇلغان، ئادەتتە قۇيرۇق ئۇچى ئون نەچچە سانتىمېتىردىن ئارتۇق، بەزىدە ئاشمايدۇ، چوڭ ئاق تۇرنانىڭ پەي غول قىسىمى قاتتىق، ئۇچ كىچىك شاخچىلىرى ئىنچىكە تارقاق، قىشلىق پەيلىرى بولغان قۇشنىڭ ئارقا تاجى يوق، كۆز پەردىسى سۇس سېرىق رەڭدە. 

سۇلۇق ئېتىز، كۆل، مانگرو ئورمىنى ۋە باشقا سۇلۇق يەرلەردە ياشايدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان باشقا قۇتان ۋە قارنا قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ياشايدۇ. پەقەت كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ، كۈچ سەرىپ قىلىپ پىيادە ماڭغاندا بوينىنى قىسقارتىپ S شەكىللىك قىلالايدۇ، ئۇچقاندا پۇتىنى كەينىگە تۈز سوزۇپ تۇرىدۇ، قۇيرۇقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

قاسىراقلىقلار، يۇمشاق تەنلىكلەر، سۇدا ياشايدىغان ھاشارات ۋە كىچىك بېلىق، پاقا، قۇمۇچاق، كەسلەنچۈك قاتارلىق ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، ئاساسلىقى سۇ تېيىز يەردە سۇ كېچىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، دائىم سۇ يېقىن ئەتراپتىكى چۆپلۈكلەردە ئاستا ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن چوقۇلاپ ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يەيدۇ. يەر شارى مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏