چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لايقا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە، خوتەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :لايقا يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :拉依喀乡

دۆلىتى :جۇڭگو

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى

يەر مەيدانى :30.4 كۋادىرات كىلومېتىر

رايۇن نۇمۇرى :0903

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

7پارچەيېزا دېھقانلىرىلايقا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە، خوتەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 21 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرق تەرىپى بۇزاق يېزىسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى، شىمالدا باغچى بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزا كۆلىمى 30.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 8 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا تەۋەلىكىنى جەمئىي 17 مەمۇرىي كەنىت قاپلاپ تۇرىدۇ، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، بىر تەرەققىيات رايونى، 124 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، نوپۇس سانى 6440 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 41775 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.1 مو؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، ياڭاق، ئائىلىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلاردىن كىرىدۇ .2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1.0977 مىلىيۇن يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4421.09 يۈەنگە يەتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏