چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ قوزۇق چىشى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ، شۇڭا خەنجەر چىشلىق يولۋاس دەپ ئاتالغان. ئەڭ چوڭ چىشىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20 سانتېمىتىر كىلىدۇ. ئاغزىنى90 گىرادۇس ئاچالايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :خەنجەر چىشلىق يولۋاس

خەنزۇچە ئاتىلىشى :剑齿虎(属)

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :مۈشۈك ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :خەنجەر چىشلىق يولۋاس ئۇرۇقدىشى

تۈرى :چوڭ خەنجەر چىشلىق يولۋاس، پاستېر خەنجەر چىشلىق يولۋاس

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى تۈركۈمى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى (Eutheria)

كەنجى ئائىلىسى :خەنجەر چىشلىق يولۋاس كەنجى ئائىلىسى (Machairodontinae)

لاتىنچە نامى :machairodus

خەنزۇچە باشقا نامى :旧译名短剑剑齿虎,短剑虎,短剑剑齿虎

باشقا نامى :شەمشەر چىشلىق يولۋاس

چۈشەندۈرۈلىشى 

خەنجەر چىشلىق يولۋاسخەنجەر چىشلىق يولۋاس مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ تەرەققى قىلغان بىر تارمىقى بولۇپ، يېڭىلىنىش دەۋرىدە پەيدا بولغان يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3-1.5 مىليون يىللار بۇرۇن پەيدا بولۇپ ، يەرشارىدا ياشاپ نەسلى قۇرۇغان. بۇ يولۋاس تۈرى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تەخمىنەن 3 مىليون يىل بىللە يەرشارىدا ياشىغان. بۇ خىل يولۋاسنىڭ بىر جۈپ چوڭ بولغان قوزۇق چىشى بولۇپ، پۇتى بىرئاز قىسقا. ھايۋاناتلار دۇنياسىدا پىلدىن باشقا بۇنداق زور چىشى بولغان ھايۋانلار تېخى پەيدا بولمىغان. پىلنىڭ چىشىمۇ خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ چىشىغا ئوخشاش قوزۇق چىش بولماستىن بەلكى ئۇتتۇر چىشتۇر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏