چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۇقسۇر (ئىلمىي نامى: Aix galericulata؛ ئىنگلىزچە نامى: Mandarin Duck، يەنى جۇڭگودا ئەمەلدار ئۆردەك) يەنە بىر نامى قوشماق ئۆردەك بۇلۇپ چىشىسى مېكيان، ئەركىكى خوراز دەپ ئاتىلىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 38-45 سانتېمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 0.5 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سۇقسۇر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :鸳鸯

ئىنگلىزچە نامى :Mandarin Duck، Mandarin

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

تۈركۈمى :ياۋا غازسىمانلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئۆردەكلەر ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :سۇقسۇر ئۇرۇقدىشى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

لاتىنچە نامى :Aix galericulata

خەنزۇچە باشقا نامى :乌仁哈钦、官鸭、匹鸟、邓木鸟

ئۇيغۇرچە باشقا نامى :قوشماق ئۆردەك، ئەمەلدار ئۆردەك

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

10پارچەسۇقسۇرسۇقسۇر (ئىلمىي نامى: Aix galericulata؛ ئىنگلىزچە نامى: Mandarin Duck، يەنى جۇڭگو ئەمەلدار ئۆردىكى) يەنە بىر نامى قوشماق ئۆردەك بۇلۇپ چىشىسى مېكيان، ئەركىكى خوراز دەپ ئاتىلىدۇ. مېكيىنى بىلەن خورازنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەركەك قۇش تۇمشۇقى قىزىل، پۇتى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، پېيىنىڭ رەڭگى ئوچۇق ۋە چىرايلىق، باش قىسمىنىڭ كۆزىگە يېقىن جايىدا كەڭ ئاق قېشى بار، قانىتىنىڭ ئۈستىدە بىر جۈپ پەي سېرىق يەلپۈگۈچ شەكىللىك تىك بۇلۇپ، خۇددى يەلكەنگە ئوخشاش، دۇمبە قىسمىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، دالىدا ناھايىتى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. چىشى قۇشنىڭ تۇمشۇقى قارا، پۇتى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، بېشى ۋە پۈتكۈل ئۈستۈنكى بەدىنى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە، كۆز ئەتراپى ئاق رەڭلىك، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىنچىكە ئاق قېشى بار، ھەم ئىنتايىن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ ۋە ئۆزگىچە. ئاساسلىقى تاغ ئورمىنى، دەريا، كۆل، سۇ ئازگىلى، قومۇشلۇق ۋە سازلىقتا ياشايدۇ، ئوزۇق تاللىمايدۇ.

سۇقسۇر جۇڭگو نىڭ داڭلىق مەنزىرە قۇشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان، چۈنكى كىشىلەر ئارسىدىكى ئاشىق-مەشۇقلاردەك ھەممىسى جۈپ-جۈپ ھەرىكەت قىلىدۇ. دائىم پەيدا بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمكى جۇڭگودىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە سۇقسۇرنى كىشىلەر دائىم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتكە تەمسىل قىلغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏