چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇنى 1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 76-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇنى

خەنزۇچە نامى :中华人民共和国乡镇企业法

ماقۇللانغان ۋاقتى :1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى

مەزمۇنى 

1-ماددا بۇ قانۇن يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئۇدا، ساغلام راۋاجلىنىشىغا يار-يۆلەك بولۇش ۋە ئۇنى يېتەكلەش، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا-بازار كارخانىلىرى، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى دېھقانلار سالغان مەبلەغنى ئاساس قىلغان، يېزا-بازارلار (جۈملىدىن ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر) قۇرغان، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مەبلەغنى ئاساس قىلىش يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى دېھقانلار سالغان مەبلەغ %50 تىن ئاشقان ياكى %50 كە يەتمىسىمۇ، پاينى تىزگىنلەش ياكى ئەمەلىي تىزگىنلەش رولىنى ئوينىيالايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە شەرتىگە توشىدىغانلىرى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشىدۇ.

3-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى يېزا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇلازىملىق قىلىش، ئىجتىمائىي ئۈنۈملۈك تەمىناتنى كۆپەيتىش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

4-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى يېتەكچى قىلىش، كۆپ خىل ئىقتىسادىي تەركىبلەرنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

5-ماددا دۆلەت يېزا-بازار كارخانىلىرىنى پائال يۆلەيدۇ، مۇۋاپىق پىلانلاپ، تۈر بويىچە يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ.

6-ماددا دۆلەت ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولىدۇ، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى يېزا-بازار كارخانىلىرى ياكى باشقا ئىقتىسادى تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايون ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا يېزا-بازار كارخانىلىرىنى قۇرۇشىغا، كۆپ خىل شەكىل بىلەن مەدەت بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا-بازار كارخانىلىرىنى پىلانلايدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىملىق قىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى يېزا-بازار كارخانىلىرىنى پىلانلايدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىملىق قىلىدۇ.

8-ماددا قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ قۇرۇلغان يېزا-بازار كارخانىلىرى شۇ جايدىكى يېزا-بازار كارخانىلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىدۇ ۋە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن نامى، ئادرېسى ئۆزگەرتىلىدىغان ياكى ئايرىۋېتىلىدىغان، قوشۇۋېتىلىدىغان، ئىشتىن توختىتىلىدىغان، تاقىۋېتىلىدىغانلىرى ئۆزگەرتىش ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرگەندىن كېيىن، يېزا-بازار كارخانىلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

9-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ شەھەرلەردە قۇرغان تارماق ئاپپاراتلىرى ياكى يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ شەھەرلەردە قۇرغان ھەمدە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلىرىغا يېزا-بازار كارخانىلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

10-ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى شۇ كارخانىنى قۇرغان بارلىق دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىلكىدە بولىدۇ.

يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار بىلەن باشقا كارخانىلار، تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى مەبلەغ ئۈلۈشى بويىچە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ.

دېھقانلار شېرىكلىشىپ ياكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ.

11-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ھېسابات قىلىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدۇ، پايدا-زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ.

كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇنىي ئىگە مال-مۈلۈك ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

12-ماددا دۆلەت يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ؛ يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكى دەخلىسىزدۇر.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇنغا، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ ھالدا يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە ئارىلىشىۋېلىشىغا، كارخانا مەسئۇلىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ھەقسىز ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كارخانا شەكلى بويىچە قۇرۇلىدۇ، مەبلەغ سالغۇچى قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە كارخانىنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلىدۇ، ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، قانۇن بويىچە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

14-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇن بويىچە دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ؛ مەبلەغ سالغۇچى كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ۋە كارخانا مەسئۇلىنى بەلگىلىگەندە، مۇھىم ئىگىلىك باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغاندا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ھەققى، تۇرمۇش پاراۋانلىقى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەرنى بېكىتكەندە، ئۆز كارخانىسىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلايدۇ، يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قەرەللىك ئېلان قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

15-ماددا دۆلەت شارائىتى بار جايلارنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

16-ماددا توختىتىلغان، تاقىۋېتىلگەن يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورناتقانلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈلگەنلىرى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. ئەسلىي يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا تەۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا قايتىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھوقۇقلۇق ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزى ئىش تاپسا بولىدۇ.

17-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى باجدىن كېيىنكى پايدىسىدىن مەلۇم نىسبەتتە مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇنى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشكە ۋە يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي چىقىملىرىغا ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ نىسبىتى ۋە باشقۇرۇش-ئىشلىتىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.

ھەرقانداق ئورگان، تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق شەكىل بىلەن يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن ھەق ئېلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا سېلىق سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

18-ماددا دۆلەت يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەلۇم مەزگىل ئىچىدە يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى مەلۇم نىسبەتتە كېمەيتىدۇ. كېمەيتىلىدىغان باج تۈرى، مۇددىتى ۋە نىسبىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

19-ماددا دۆلەت تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك يېزا-بازار كارخانىلىرىغا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، مەلۇم مۇددەت باجدا ئېتىبار بېرىدۇ:

(1) كوللېكتىپ يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن دەسلەپكى مەزگىلدە تىجارەتتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولغانلار؛

(2) ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت-ياقا رايونلار ۋە نامرات رايونلاردىكى كارخانىلار؛

(3) ئاشلىق، يەم-خەشەك، گۆش پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار؛

(4) دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىدە ئالاھىدە يۆلەشكە تېگىشلىك دەپ بەلگىلەنگەنلەر.

ئالدىنقى تارماقتىكى باجدا ئېتىبار بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

20-ماددا دۆلەت كرېدىت ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ. ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن بولغان ھەمدە قەرز پۇل بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان يېزا-بازار كارخانىلىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئالدىن قەرز بەرسە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغىدە قىيىنچىلىقى بولغان ھەمدە تەرەققىيات ئىستىقبالى بولغانلارغا ئېتىبار بەرسە بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى ئالدىن قەرز بېرىش ۋە ئېتىبارلىق قەرز بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، يېزا-بازار كارخانىلىرى تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلسا بولىدۇ. فوند تۆۋەندىكى مەبلەغلەردىن تەركىب تاپىدۇ:

(1) ھۆكۈمەتنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئاجراتقان ئوبوروت مەبلىغى؛

(2) يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ يىلدا تاپشۇرغان يەرلىك باج سوممىسىدىن ئاشۇرغان قىسمىنىڭ مەلۇم نىسبىتى؛

(3) فوندتىن يارىتىلغان پايدا؛

(4) يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېزا-بازار كارخانىلىرى، دېھقانلار ۋە باشقىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرگەن مەبلىغى.

22-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى تەرەققىيات فوندى يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت-ياقا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاش؛

(2) ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى يېزا-بازار كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ۋە شېرىكلىشىش تۈرلىرىنى قوللاش؛

(3) يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى بويىچە كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىنى قوللاش؛

(4) يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش، داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىش ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشىنى قوللاش؛

(5) يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن بىۋاسىتە خىزمەت قىلىدىغان يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛

(6) ئاشلىق، يەم-خەشەك، گۆش پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش-سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛

(7) يېزا-بازار كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي مائارىپى ۋە تېخنىكا تەربىيىسىنى قوللاش؛

(8)يار-يۆلەك بولۇشقا تېگىشلىك باشقا تۈرلەر.

يېزا-بازار كارخانىلىرى تەرەققىيات فوندىنى تەسىس قىلىش، ئىشلىتىش-باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

23-ماددا دۆلەت يېزا-بازار كارخانىلىرىغا ئىختىساس ئىگىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ، پەن-تېخنىكا خادىملىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرىغا بېرىپ ئىشلەپ، تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يېزا-بازار كارخانىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

يېزا-بازار كارخانىلىرى تېخنىكا خادىملىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىللەر بىلەن تەربىيىلەيدۇ ھەمدە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىدۇ.

24-ماددا دۆلەت ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە باشقا كارخانىلار، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

25-ماددا دۆلەت يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تاشقى ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكسپورت تاۋار ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ، ئېكسپورتتىن تاشقى پېرېۋوت يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

شەرت ھازىرلىغان يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ، تاشقى سودا تىجارەت ھوقۇقىغا ئېرىشسە بولىدۇ.

26-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى كىچىك شەھەر-بازارلار قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-بازار كارخانىلىرىنى مۇۋاپىق مەركەزلەشتۈرۈپ راۋاجلىنىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇلازىملىق ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي كۈچەيتىشى لازىم.

27-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى بازار ئېھتىياجى ۋە دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئاساسەن، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئۈسكۈنىلىرىدىن ئۈزلۈكسىز پايدىلىنىپ، كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

28-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرىنى قۇرۇشتا ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يېرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇش، ئىشلىتىدىغان يەرنى قاتتىق تىزگىنلەش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش لازىم، بوز يەر، ناچار يەرلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلا بولسا، تېرىلغۇ يەر ۋە ئوبدان يەرنى ئىگىلەشكە يول قويۇلمايدۇ.

يېزا-بازار كارخانىلىرىنى قۇرۇشتا، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلەتكەندە قانۇن ۋە نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك يەردىن پايدىلىنىشنى تەستىقلاش رەسمىيىتى ۋە يەرنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم.

يېزا-بازار كارخانىلىرى ئىشلەتكەن يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر ئۇدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق تاشلىنىپ قالسا ياكى ئىش توختاتقانلىق تۈپەيلىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق تاشلىنىپ قالسا، ئەسلىدىكى يەر ئىگىدارى شۇ يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ، باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

29-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى تەبىئىي بايلىقلارنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ئېچىشى ۋە ئىشلىتىشى لازىم.

يېزا-بازار كارخانىلىرى قېزىلما بايلىقلارنى ئاچقاندا، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ئىجازەتنامىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ، مۇنتىزىم مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى، بايلىقنى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم، بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

30-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مالىيە-بوغالتىرلىق تۈزۈمى ئورنىتىپ، مالىيەنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قانۇن بويىچە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، مالىيە پائالىيىتىنى ئەينەن خاتىرىلەپ تۇرۇشى كېرەك.

31-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا تۈزۈمى بويىچە، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئەينەن يوللاپ تۇرۇشى لازىم. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا تۈزۈپ تارقىتىلغان ستاتىستىكا تەكشۈرۈش مەلۇمات جەدۋەللىرىنى يېزا-بازار كارخانىلىرى تولدۇرۇپ يوللاشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

32-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇن بويىچە باج تىزىملىتىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، باج پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا بازار-كارخانىلىرىنىڭ باج باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى لازىم، ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېمەيتىشىگە، كەچۈرۈم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

33-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى لازىم؛ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلار كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛ سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەھسۇلاتلار ۋە دۆلەت شاللىۋېتىشكە بۇيرۇغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا، سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ؛ مەھسۇلات ئىچىگە باشقا نەرسىلەرنى، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇشقا، يالغاننى راستنىڭ ئورنىغا، ناچارنى ياخشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

34-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى تاۋار ماركىسىنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشى، ئىناۋىتىنى ساقلىشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىنىڭ تاۋار بەلگىسىنى باسقاندا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغان جاينى ئويدۇرۇشقا ياكى باشقا زاۋۇتلارنىڭ نامى، ئادرېسىنى ۋە ئېتىراپ قىلىنغان بەلگىسى، داڭلىق، ئەلا مەھسۇلات بەلگىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

35-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى بويىچە، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە تەدبىر قوللىنىپ، بۇلغىمايدىغان، ئاز بۇلغايدىغان ۋە بايلىق ئاز سەرپ بولىدىغان كارخانىلارنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيىنى بۇزۇشنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش لازىم.

يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

36-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلەرگە تۇتۇش قىلغاندا، مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم.

يېزا-بازار كارخانىلىرى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھىلىشى، تەڭ قۇرۇشى، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈشى شەرت. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلسە ياكى ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مەنئى قىلىشقا بۇيرۇغان، مۇھىتنى ئېغىر ھالدا بۇلغايدىغان ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قوللىنىشىغا ياكى ئىشلىتىشىگە، دۆلەت مەنئى قىلىشقا بۇيرۇغان، مۇھىتنى ئېغىر ھالدا بۇلغايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشىغا ۋە تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇلغىغۇ چىقىرىشى دۆلەت ياكى يەرلىك ئورۇنلار بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، مۇھىتنى ئېغىر ھالدا بۇلغايدىغانلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزەش شەرت. تۈزەش ۋەزىپىسىنى سۈرۈك توشقۇچە ئورۇندىمىغانلارنى قانۇن بويىچە تاقاش، توختىتىش ياكى باشقىغا ئۆزگەرتىش لازىم.

37-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، «بىخەتەرلىك بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىش ئاساس» دېگەن فاڭجېننى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئۈنۈملۈك ئەمگەك تازىلىقى، تېخنىكا تەدبىرلىرى ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى زەخىملىنىش-ئۆلۈش ھادىسىلىرى ۋە كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى شەرت؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى سۈرۈك ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش لازىم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىشى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشتا زەخىملىنىش-ئۆلۈش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەندە، پائال قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلىش لازىم.

38-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا-بازار كارخانىلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ:

(1) يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتكەنلەر؛

(2) يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان ياكى ھەقسىز ئىشلەتكەنلەر؛

(3) يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قانۇنسىز قالدۇرغان ۋە ئالماشتۇرغانلار؛

(4) يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلار.

ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، يېزا-بازار كارخانىلىرىغا ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ.

39-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى قانۇنسىز ھەق ئالغان، سېلىق سالغان ياكى مەمۇرىي جەرىمانە قويغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى، ئىقتىسادىي تەپتىش، مەمۇرىي تەپتىش، مالىيە، باھا تارمىقى ۋە يېزا-بازار كارخانىلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماقلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار جاۋابكارلىقى بارلارنى قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك پۇل-مالنى سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرغۇزىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، مۇناسىپ جازا بەرسە بولىدۇ.

40-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى، مۇھىت ئاسراش، يەر باشقۇرۇش، تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش، ئەمگەك بىخەتەرلىكى، باج ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر قانۇن، نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلغاندىن سىرت، تۈزەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئۇلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىباردىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىدۇ.

41-ماددا يېزا-بازار كارخانىلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، يېزا-بازار كارخانىلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. تۈزەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىباردىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ.

42-ماددا بۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىدىن 41-ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمە بويىچە بېرىلگەن جازا ۋە بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ۋە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

43-ماددا بۇ قانۇن 1997-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏