چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يېكەن باشىقى يېكەن ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، ئۇزۇن ئورىغۇچلۇق يېكەن تۈرىگە تەۋە. شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو رايونى ۋە خۇنەن، شەنشى، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە قان توختىتىش رولى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يېـكەن باشىقى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :蒲棒

تارقالغان رايونلار :شەرقى شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، شەنشى، گەنسۇ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، سىچۇەن

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :گۈلسامساق سىنىپى

تۈركۈمى :يېكەن تۈركۈمى

ئائىلىسى :يېكەن ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :يېكەن ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئۇزۇن ئورىغۇچلۇق يېكەن

سىرتقى شەكىلى

8پارچەيېكەن باشىقىيېكەن باشىقى كۆپ يىللىق سۇدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، يىلتىزسىمان غولى توم، سۈت رەڭ، ئالدى ئۇچى ئاق رەڭدە بولىدۇ. يەر ئۈستى غولى تىك ئۆسىدۇ، يوپۇرماقلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن، تاياق شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1 مېتىر، كەڭلىكى 0.6–1.5 سانتىمىتىر، غولىنىڭ تۈۋى قىسمى غىلاپسىمان، يوپۇرماق غىلىپىنىڭ ئەتىراپى پەردىسىمان بۇلۇپ، يېرىقلىق ھالەتتە ھەم فازا قاتلىما شەككىلىك. باشاقسىمان گۈل رېتى كونۇسسىمان بولىدۇ؛ ئاتىلىق گۈل رېتى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقى 2-7 سانتېمېتىر، ئاتىلىق گۈل رېتى ئۈستى قىسمىدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 20-30 سانتېمېتىر، دىئامېتىرى 1 سانتىمېتىر بولسا بولىدۇ؛ ئاتىلىق گۈلنىڭ 3 دانە ئاتىلىقى بار، چاڭ دانىچىلىرى يەككە يۇمىلاق، تۇخۇم شەكلىدە ياكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق؛ ئانىلىق گۈل رېتى شېخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10-20 سانتېمېتىر، دىئامېتىرى تەخمىنەن 1 سانتىمېتىر؛ ئانىلىق گۈلىنىڭ كىچىك ئورىغۇچى ياپرىقى بار، تۈۋرۈك بېشى بىلەن يېقىن ئۇزۇنلۇقتا، كىچىك ئورىغۇچى ياپرىقى ئاق رەڭلىك ھەم ئۇزۇن يۇمشاق تۈكلۈك، ئۇرچۇق شەكىللىك كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەيدۇ، ئۇزۇنلىقى 1.5-2 مىللىمېتىر، بويلىما يېرىق، مېۋە پوستىدا قوڭۇر رەڭلىك داغلار بار بۇلۇپ، ئۇرۇقى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏