چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاسلانباغ يېزىسى يەكەن ناھىيەسى بازىرىغا جايلاشقان. 1955-يىلى رايون قىلىپ قۇرۇلغان، 1958-يىلى خەلق گۇڭشېسى قىلىپ قۇرۇلغان. 1984-يىلى يېزا بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ يېزىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 22 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاسلانباغ يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :阿斯兰巴格乡

دۆلىتى :جۇڭگو

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :يەكەن ناھىيەسى

يەر مەيدانى :210 كۋادىرات كىلومېتىر

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

7پارچەئاسلانباغ يېزىسىئاسلانباغ يېزىسى يەكەن ناھىيەسى بازىرىغا جايلاشقان. 1955-يىلى رايون قىلىپ قۇرۇلغان، 1958-يىلى خەلق گۇڭشېسى قىلىپ قۇرۇلغان. 1984-يىلى يېزا بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ يېزىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 22 كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقىي شىمال قىسمى بىلەن ئۆستەڭ يېزىسى تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇبى بىلەن زەرەپشات يېزىسى تۇتىشىدۇ، غەربتە ھۇدا سايئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 210 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جەمئىي 67 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە زەي تۇپراق %14 نى ئىگىلەيدۇ، سۇ يوللىرى 48 كىلومېتىر، تۈر رايونىدىكى يول 27 كىلومېتىر، ئىھاتە ئورمىنى 21 كىلومېتىر، ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى 343 كىلومېتىر، يېزا بويىچە تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى كىلومېتىر كېلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏