چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 26–كۈنى ئېلان قىلىنىپ، 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى

خەنزۇچە نامى :最高人民法院关于审理人身损害赔偿案件适用法律若干问题的解释

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2003-يىلى 12-ئاينىڭ 26–كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

ھۆججەت :(2) س ئى (2003) 20-نومۇرلۇق پەرمانى

ئاساسىي مەزمۇنى

جىسمانى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى توغرا سوتلاش، داۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»(تۆۋەندا «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» دېيىلىدۇ)، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»(تۆۋەندا «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» دېيىلىدۇ) قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، سوت ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇننى تەدبىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەر ھەققىدە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى: 

1-ماددا  ھاياتى، سالامەتلىكى ۋە تېنى زىيانغا ئۇچرىغاندا، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى دەۋا قىلىپ، تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشىدىن مال-مۈلۈك زىيىنى ۋە روھىي زىياننى تۈلەشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

بۇ ماددىدا ئېيتىلغان «تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى» ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى ياكى باشقا زىيان سېلىش سەۋەبىدىن بىۋاسىتە جىسمانى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنى، زىيانغا ئۇچرىغۇچى يار-يۈلەك بولۇش مەجبۇريىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان يار-يۈلەك بۇلۇنغۇچىنى، شۇنىڭدەك ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ يېقىن تۇغقىنىنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇ ماددىدا ئېيتىلغان « تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشى » ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى، شۇنىڭدەك باشقا زىيان سېلىش سەۋەبىدىن  قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان تەبئى شەخىس، قانۇنى ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ. 

2-ماددا  زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بىر زىياننىڭ پەيدا بولۇشى ياكى چۇڭىيىپ كېتىشىدە قەستەنلىكى، سەۋەنلىكى بار بولسا، «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 131-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ. لېكىن، ھوقۇققا چېقىلغۇچى قەستەنلىكى ياكى زۇر سەۋەنلىكى بىلەن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقاندا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىدا ئادەتتىكىچە سەۋەنلىكلا  كۈرۈلگەن بولسا، تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلمەيدۇ.

تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»نىڭ 106-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە  بېكىتكەندە، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زور سەۋەنلىكى بولسا، تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

3-ماددا  ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ئورتاق قەستەنلىكى ياكى ئورتاق سەۋەنلىكى بىلەن، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ياكى ئورتاق قەستەنلىكى، ئورتاق سەۋەنلىكى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ زىيان سېلىش قىلمىشى بىر زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا بولۇشىغا بىۋاسىتە بىرلىشىپ كېتىپ، ھوقۇققا ئورتاق چېقىلىش قىلمىشى بولۇپ شەكىللەنگەندە، «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»نىڭ 130-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئورتاق قەستەنلىكى ياكى ئورتاق سەۋەنلىكى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئايرىم سادىر قىلغان قىلمىشى ۋاسىتىلىك بىرلىشىپ بىر زىيانلىق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلسا، سەۋەنلىكنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكى ياكى سەۋەبنىڭ نىسبىتىگە قاراپ، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

4-ماددا  ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم باشقىلارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە خەۋەپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشنى ئورتاق سادىر قىلغان بولسا ھەمدە زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغاندا، ھەقىقى زىيان سالغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىسا، « ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى » نىڭ 130-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  ئورتاق خەۋپ يەتكۈزگۈچى زىيانلىق ئاقىۋەتنى ئۆزى پەيدا قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 

5-ماددا  تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى ھوقۇققا ئورتاق چېقىلغۇچىلاردىن بىر قىسىمى ئۈستىدە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا ئورتاق چېقىلغۇچى باشقا كىشىلەرنى ئورتاق جاۋابكار بولۇشقا قۇشۇشى كېرەك. تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى ھوقۇققا ئورتاق چېقىلغۇچى بىر قىسىم كىشىلەرگە قويغان دەۋا تەلىۋىدىن دەۋا جەريانىدا ۋاز كەچسە، ھوقۇققا ئورتاق چېقىلغۇچى باشقا كىشىلەر دەۋا تەلىۋىدىن ۋاز كەچكەن جاۋابكارنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان تۆلەم ئۆلۈشىگە قارىتا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. جاۋابكارلىق دائىرسىنى بېكىتىش تەس بولسا، ھوقۇققا ئورتاق چېقىلغۇچىلار ئوخشاش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ قىياسەن بېكىتىلىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم ھوقۇق ئىگىسىگە دەۋا تەلىپىدىن ۋاز كېچىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە دەۋا تەلىپىدىن ۋاز كېچىش ئەھۋالىنى قانۇن ھۆججىتىدە بايان قىلىشى كېرەك.

6-ماددا  ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، ئۇيۇن قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىياكى باشقا تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبئى شەخسلەر، قانۇنى ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مۇۋاپىق دائىرىدىكى خەۋەپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلماي، باشقىلارنى جىسمانى زىيانغا ئۇچراتقاندا، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى ئۇنىڭدىن مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك. 

3-كىشىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىشى بىلەن، زىيانلىق ئاقىۋەت تۇغۇلسا، ھوقۇققا چىقىلغان 3-كىشى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خەۋەپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇريىتى بار ئادەم خاتالىق ئوتكۈزگەندە، ئۇ مۇناسىپ قوشۇمچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى  ئۆزى ساقلىنالايدىغان ياكى چەكلىيەلەيدىغان زىيان دائىرىسىدە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خەۋەپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇريىتى بار ئادەم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۈلىتىۋالسا بولىدۇ.  تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى خەۋەپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇريىتى بار ئادەم ئۈستىدىن دەۋا قىلغاندا، 3-كىشىنى ئورتاق جاۋابكار ھېساپلاش كېرەك. لېكىن، 3-كىشىنى بېكىتكىلى بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

7-ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە قوغداش مەجبۇريىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالغان مەكتەپلەر، باللار باغچىللىرى ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى مەجبۇريىتىنى ئادا قىلماي، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانى زىيانغا ئۇچراتسا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر باشقىلارنى جىسمانى  زىيانغا ئۇچراتسا، ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك. 

3-كىشى ھوقۇققا چىقىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانى زىيانغا ئۇچراتسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مەكتەپ، باللار باغچىسى قاتارلىق مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن خاتالىقى بارلىرى مۇناسىپ قوشۇمچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى  ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك

8-ماددا  قانۇنى ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللىرى، مەسئۇللىرى، شۇنىڭدەك خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 121-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ قانۇنى ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن خادىملار ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھەرىكەت قىلغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

«دۆلەت تۆلەم قانۇنى» بويىچە تۆلەيدىغان ئىشلار شۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

9-ماددا  ياللانغۇچى ياللىما ئىشتا باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ياللىغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ياللانغۇچىلاردىن قەستەنلىكى ياكى زۇر سەۋەنلىكى بىلەن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ياللىغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  ياللىغۇچىلاردىن چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىرى ياللانغۇچىدىن تۈلتىۋالسا بولىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان «ياللىما ئىش» ياللىغۇچى بەرگەن ھوقۇق دائىرسى ياكى ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى دائىرسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ياكى ياكى باشقا ئەمگەك مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.  ياللانغۇچىنىڭ ھەركىتى بەرگەن ھوقۇق دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندەك كۈرۈنسە ياكى  ۋەزىپە ئادا قىلىش بىلەن ئىچكى ئالاقىسى بولسا، «ياللىما ئىش» دەپ بېكىتىش كېرەك. 

10-ماددا  كاسىنا ئىشلىگۈچى ئىشنى پۈتتۈرۈش جەريانىدا 3-كىشىنى زىيانغا ئۇچراتسا ياكى ئۆزى زىيانغا ئۇچرىسا، بۇيرۇتقۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. لېكىن، بۇيرۇتقۇچى بۇيتۇتۇش، كۆرسەتمە بېرىش ياكى تالللاشتا خاتالىق ئوتكۈزگەن بولسا، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

11-ماددا  ياللانغۇچى ياللىما ئىشتا، جىسمانى زىيانغا ئۇچرىسا، ياللىغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ياللانما مۇناسىۋەت سىرتىدىكى 3-كىشى ياللانغۇچىنى جىسمانى زىيانغا ئۇچراتسا، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى 3-كىشىدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ياللىغۇچىدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ياللىغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۈلىتىۋالسا بولىدۇ. 

ياللانغۇچى ياللىما ئىشتا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسسى تۈپەيلىدىن جىسمانى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ھۆددە بەرگۈچى، بۈلۈپ بەرگۈچى، ھۆددە بېرىلگەن ۋە ياكى بۈلۈپ ھۆددە بېرىلگەن ئىشنى قوبۇل قىلغان ياللىغۇچىنىڭ مۇناسىپ ساپاسى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى يوقلىقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ياللىغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى» تەڭشەيدىغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە تەۋە ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى دائىرسىگە كىرىدىغان بولسا، بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە تەدبىقلانمايدۇ.

12-ماددا  ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى غەملەشكە قانۇن بويىچە قاتنىشىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىسى ئىشتا يارىلىنىش ھادىسسى تۈپەيلىدىن جىسمانى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئەمگەكچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن باشقا، 3-كىشى ھوقۇققا چېقىلىپ، ئەمگەكچىنى جىسمانى زىيانغا ئۇچراتقاندا، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى 3-كىشىدىن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك. 

13-ماددا  باشقىلارنىڭ ئەمگەك مۇلازىمىتىگە ھەقسىز ياردەم قىلغۇچى ياردەملىشىش جەريانىدا باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ياردەم قىلىنغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ياردەم قىلىنغۇچى ياردەمنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ياردەم قىلغۇچىدا قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بۇلغاندا، تۆلەم ھوقۇقى ئگىسى ياردەم قىلغۇچى بىلەن ياردەم قىلىنغۇچىدىن چاتما تۆلم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك.

14-ماددا  ياردەم قىلغۇچى ياردەملىشىۋېتىپ جىسمانى زىيانغا ئۇچرىسا، ياردەم قىلىنغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  ياردەم قىلىنغۇچى ياردەمنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن، ئىرىشكەن مەنپەئەتى دائىرىسىدە مۇۋاپىق تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ.

ياردەم قىلغۇچى 3-كىشىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىشى تۈپەيلىدىن جىسمانى زىيانغا ئۇچرىسا، 3-كىشى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 3-كىشىنى بېكىتكىلى بولمىسا ياكى ئۇنىڭ تۈلەشكە قۇربى يەتمىسە، ياردەم قىلىنغۇچى مۇۋاپىق تولۇقلقما بەرسە بولىدۇ. 

15-ماددا  دۆلەت، كوللېكتىپنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق -مەنپەئەتىنى قوغدايمەن دەپ ئۆزى جىسمانى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى بولماسلىقى، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنى بېكىتكىلى بولماسلىقى ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ تۆلەشكە قۇربى يەتمەسلىكى تۈپەيلىدىن، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى مەنپەئەتلەنگۈچىدىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەتى دائىرىسىدە مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك.

16-ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»نىڭ 126-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە  تەدبىقلىنىپ، ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن خاتالىقى يوقلىقىنى ئىسپاتلپ بىرەلەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) يول، كۆۋرۇك، تۇنىل قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى ئاسراش، باشقۇرۇشتىكى نوقسان سەۋەبىدىن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا؛

(2) دۆۋلىمە دۇمىلاپ، سىيرىلىپ كېتىپ ياكى ئۆرۈلۈپ كېتىپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا؛

(3) دەل-دەرەخ ئۆرۈلۈپ، ئۇشتۇلۇپ كېتىپ ياكى مېۋىسى چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا. 

ئالدىنقى تارماقنىڭ 1-تارماقچىسىدىكى ئەھۋالدا لايھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشتىكى نوقسان زىيان پەيدا قىلسا، ئىگىدارلىق قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى بىلەن لايھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

17-ماددا  زىيانكاشلىككە ئۇچرىغۇچى جىسمانى زىيانغا ئۇچرىغاندا، داۋالىنىش ئۈچۈن كەتكەن خىراجەتلىرى ۋە ئىشتىن قېلىپ كېمەيگەن كىرىمىنى، جۈملىدىن داۋالىنىش خىراجىتى، دەخلى يەتكەن ئىش ھەققى، قاراش ھەققى، قاتناش ھەققى، ياتاق ھەققى، بالنىستتا ياتقۇچىنىڭ تاماق ياردەم پۇلى، زۆرۈر ئوزۇقلۇق ھەققىنى تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشى تۆلىشى كېرەك.

زىيانكاشلىككە ئۇچرىغۇچى مېيىپ بولۇپ قالغاندا، تۇرمۇش ئېھتىياجى كۆپەيگەنلىكتىن كېتىدىغان زۆرۈر خىراجەت ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى يۇقاتقانلىقتىن ئازايغان كىرىمىنى، جۈملىدىن مېيىپلىك تۆلەم پۇلى، مېيىپلەر قوشۇمچە سايمان ھەققى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، شۇنىڭدەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاراشقا، داۋاملىق داۋالىنىشقا ئەمىلىي كەتكەن زۆرۈر خىراجىتى، قاراش خىراجىتى، كېيىنكى داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشى تۆلىشى كېرەك. 

زىيانكاشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئەھۋالىغا قاراپ، مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى تۆلىگەندىن باشقا، دەپنە خىراجىتى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، ئۆلۈم تولۇقلىما خىراجىتى، شۇنىڭدەك زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ مېيىتنى ئۇزىتىشقا كەتكەن قاتناش خىراجىتى، ياتاق خىراجىتى ۋە ئىشتىن قېلىپ ئۇچرىغان زىيىنى قاتارلىق باشقا مۇۋاپىق خىراجەتلەرنىمۇ تۆلىشى كېرەك. 

18-ماددا  زىيانكاشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۆلگۈچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى رۇھى زىيانغا ئۇچرىغاندا، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە رۇھى زىيان تەسەللى پۇلى تۆلىتىپ بېرىش تەلىپىنى قويسا، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى چېقىلىشتىن بولغان رۇھى زىيان تۆلەم جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى » تەدبىقلىنىپ بېكىتىلىدۇ.

رۇھى زىيان تەسەللى پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشى پول تۆلەپ بېرىشنى يازما ۋەدە قىلغان ياكى تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

19-ماددا  داۋالىنىش خىراجىتى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا خىراجىتى، بالىنىستا خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئالغانلىق دوكۇمېنىتىغا قاراپ، كېسەل تارىخى ۋە دىئاگنوز ئىسپاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك دەلىل -ئىسپاتلارغا بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىلىدۇ.  تۆلەم مەجبۇريىتى بار كىشى داۋالاشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە مۇۋاپىق-مۇۋاپىق ئەمەسلىكىگە قارىتا باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، شۇنىڭغا تۇشلۇق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

تۆلەيدىغان داۋالاش خىراجىتى سوممىسى 1-سوتتا سوتتىكى مۇنازىرە ئاياقلىشىشتىن بۇرۇن ئەمەلىيي كەتكەن سوممىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ. بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگەكەلتۈرۈش مەشقىگە كېتىدىغان زۆرۈر ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى، مۇۋاپىق ھۆسىن تۈزەش خىراجىتى، شۇنىڭدەك كېيىنكى باشقا داۋالاش خىراجىتى ھەققىدە تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى ئەمەلىيي چىقىم قىلغاندىن كېيىن ئايرىم دەۋا قىلسا بولىدۇ. لېكىن. داۋالاش ئىسپاتى ياكى باھالاش يەكۈنىگە ئاساسەن مۇقەررەر چىقىم قىلىندىغانلىقى بېكىتىلگەن خىراجەتلەر كەتكەن داۋالاش خىراجىتىگە قۇشۇپ تۆلىتىپ بېرىلسە بولىدۇ. 

20-ماددا  ئىشتىن قېلىش ھەققى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىشتىن قالغان ۋاقتى ۋە كىرىم ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

ئىشتىن قالغان ۋاقىت زىيانكاشلىككە ئۇچرىغۇچى داۋالانغان داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.  زىيانغا ئۇچرىغۇچى مېيىپ بولۇپ، ئىشتىن داۋاملىق قالغان بولسا، ئىشتىن قالغان ۋاقتى مېيىپ دەپ بېكىتىلگەن كۈننىڭ ئالدىنقى بىر كۈنىگىچە ھېساپلانسا بولىدۇ. 

زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مۇقىم كىرىمى بار بولسا، ئىشتىن قىلىش ھەققى ئەمەلىيي كېمىيىپ كەتكەن كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مۇقىم كىرىمى يوق بولسا، ئۇنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرچە كىرىم ئەھۋالىنى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەسىپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئوتتۇرچە مائاشىدىن پايدىلىنىپ ھېساپلانسا بولىدۇ. 

21-ماددا  قاراش ھەققى قارىغۇچىلارنىڭ كىرىم ئەھۋالىغا ۋە قارىغۇچىنىڭ سانى، ۋاقتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

قارىغۇچىلارنىڭ كىرىمى بولسا، ئۇ ئىشتىن قېلىش ھەققىگە ئائىت بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ؛ قارىغۇچىلارنىڭ كىرىمى بولمىسا ياكى قارىغۇچى ياللىسا، قارىغۇچىلارنىڭ ئوخشاش دەرىجىدىكى قاراش ھەققى ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. قاراشقا پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر ئادەم قويولىدۇ، لېكىن داۋالاش ئاپپاراتى ياكى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئېنىق پىكىرى بولسا، قارىغۇچىلارنىڭ سانى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلسە بولىدۇ. 

قاراش ۋاقتى زىيانكاشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولغۇچە ھېساپلش كېرەك. زىيانغا ئۇچرىغۇچى مېيىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغان بولسا، قاراش ۋاقتى ئۇنىڭ يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىلسە بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 20 يىلدىن ئاشمايدۇ. 

زىيانغا ئۇچرىغۇچى مېيىپ دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، قاراش دەرىجىسى ئۇنىڭ قارىغۇچىدىن ئايرىلالماسلىق دەرىجىسىگە قاراپ ھەمدە مېيىپلەر قوشۇمچە سايمىنىنى تەخلەپ بېرىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىلىشى كېرەك. 

22-ماددا  قاتناش ھەققى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قارىغۇچىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش ياكى باشقا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشتا ئەمەلىيي چىقىم قىلغان خىراجىتىگە قاراپ ھېساپلىنىدۇ. قاتناش ھەققى ئۈچۈن رەسمىي ۋېكسېلنى ئاساس قىلىش كېرەك؛ مۇناسىۋەتلىك دوكۇمېنىتلار دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئورنى، ۋاقتى، ئادەم سانى، قېتىم سانىغا ماس كېلىشى كېرەك.

23-ماددا  بالنىستا ياتقۇچىنىڭ تاماق ياردەم پۇلى شۇ جايدىكى دۆلەت ئورگىننىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ كاماندىروپكا تاماق يادەم پۇلى ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلسە بولىدۇ. 

24-ماددا  ئوزۇقلۇق خىراجىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مېيىپ بۇلۇش ئەھۋالىغا قاراپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ پىكىرىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.

25-ماددا مېيىپلىق تۆلەم پۇلى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەمگەك ئقتىدارىدىن قېلىش دەرىجىسى ياكى مېيىپلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمسى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كىشى بېشى ئىدارە قىلغىلى بولىدىغان كىرىمى ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى ئۆلچىمى بويىچە، مېيىپ دەپ  بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ 20 يىل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، 60 ياشتىن ئاشقانلارغا بىر ياش قوشۇلسا بىر يىل كېمەيتىپ ھېسابلىنىدۇ؛ 75 ياشتىن ئاشقانلارغا بەش يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.  

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يارىلىنىش تۈپەيلىدىن مېيىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىيي كىرىمى ئازايمىغان بولسا ياكى مېيىپلىق دەرىجىسى يېنىكرەك بولسىمۇ، لېكىن كەسىپكە دەخلى يېتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، مېيىپلىق تۆلەم پۇلى شۇنىڭغا تۇشلۇق تەڭشەلسە بولىدۇ. 

26-ماددا  مېيىپلار قۇشۇمچە سايمان خىراجىتى ئادەتتىكى سايماننىڭ مۇۋاپىق خىراجەت ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. زەخم ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى بولسا، قۇشۇمچە سايمان تەقلەپ بەرگۈچى ئاپپاراتىنىڭ پىكىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق خىراجەت ئۆلچىمى بېكىتىلسە بولىدۇ.

قۇشۇمچە سايماننى ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ۋە تۆلەم مۆھلىتى تەقلەپ بەرگۈچى ئاپپاراتنىڭ پىكىرىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.

27-ماددا  دەپنە خىراجىتى دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىپ، ئالتە ئايلىق ئومۇمىي سوممىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.  

28-ماددا  بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى باققۇچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش دەرىجىسىگە قاراپ،  دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق كىشى بېشى ئىستېمال خاراكتېرلىك چىقىمى ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى يىللىق تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.  بېقىلغۇچى قۇرامىغا يەتمىگەن بولسا، 18 ياشقىچە ھېسابلىنىدۇ؛ بېقىلغۇچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىسا ھەم باشقا تۇرمۇش مەنبەسى بولمىسا، 20 يىل ھېسابلىنىدۇ.  ئەمما، 60 ياشتىن ئاشقانلارغا بىر ياش قوشۇلسا بىر يىل كېمىيىپ ھېسابلىنىدۇ؛ 75 ياشتىن ئاشقانلارغا بەش يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.  

بېقىلغۇچى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنى ياكى ئەمگەك ئقتىدارىمۇ، باشقا تۇرمۇش مەنبەسىمۇ يوق قۇرامىغا يەتكەن يېقىن تۇغقىنىنى كۆرسىتىدۇ.  بېقىلغۇچىنىڭ باقىدىغان يەنە باشقا ئادىمى بار بولسا، تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان قىسىمنىلا تۆلەيدۇ. بېقىلغۈچى بىرنەچچە ئادەم بولسا، يىللىق تۆلەم سوممىسىنىڭ يىغىندىسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق كىشى بېشى ئىستېمال خاراكتېرلىك چىقىم سوممىسى ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى يىللىق تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى سوممىسىدىن ئاشمايدۇ.  

29-ماددا  ئۆلۈم تۆلەم پۇلى دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق كىشى بېشى ئىدارە قىلغىلى بولىدىغان كىرىمى ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى ئۆلچىمى بويىچە 20 يىل ھېسابلىنىدۇ.  ئەمما 60 ياشتىن ئاشقانلارغا، بىر ياش قوشۇلسا بىر يىل كېمەيتىپ ھېسابلىنىدۇ؛ 75 ياشتىن ئاشقانلارغا بەش يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.  

30-ماددا  تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئىدارە قلىغىلى بولىدىغان كىرىمى ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئۆلچىمىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بەرگەندە، مېيىپلىق تۆلەم پۇلى ياكى ئۆلۈم تۆلەم پۇلى شۇ كىشى ئولتۇرۇشلۇق جاي ياكى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچىمى بۇيىچە ھېسابلانسا بولىدۇ.  

بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى ھېسابلاش ئۆلچىمى ئالدىنقى تارماقتىكى پىرىنسىپ بويىچە بېكىتىلىدۇ. 

31-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىسى «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 131-ماددىسىدىكى ۋە مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، 19-ماددىسىدىن 29-ماددىسىغىغىچە بولغان ماددىلاردىكى مال-مۈلۈك زىيانلىرىنىڭ ئەمەلىي تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىلىشى كېرەك. 

ئالدىنقى تارماقتا بېكىتىلگەن ماددىي زىيان تۆلەم پۇلى بىلەن 18-ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن روھىي زىيان تەسەللى پۇلىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر قېتىمدىلا  بېرىپ بولۇشى كېرەك. 

32–ماددا  بېكىتىلگەن قاراش ۋاقتى، قۇشۇمچە سايمان خىراجىتى بېرىش يىل چەكلىمىسى ياكى مېيىپلىق تۆلەم پۇلى بېرىش يىل چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەندە، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ قاراش خىراجىتى،قۇشۇمچە سايمان خىراجىتى ياكى مېيىپلىق تۆلەم پۇلىنى داۋاملىق بېرىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك.  تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسىگە داۋاملىق قاراش، قۇشۇمچە سايمان تەقلەپ بېرىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا ياكى ئۇنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش مەنبەسى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى بەش يىلدىن 10يىلغىچە داۋاملىق بېرىشنى تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشىگە ھۆكۈم ئارقىلىق بۇيرۇشى كېرەك. 

33-ماددا  تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشى مېيىپلىق تۆلەم پۇلى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، مېيىپلەر قۇشۇمچە سايمان پۇلىنى قەرەللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا، شۇنىڭغا تۇشلۇق كېپىللىك بېرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشىنىڭ بېرىش ئىقتىدارى ۋە كېپىللىك بېرىش ئەھۋالىغا قاراپ، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى قەرەللىك بېرىشنى بېكىتسە بولىدۇ. لېكىن، 1-سوتتا سوتتىكى مۇنازىرە ئاياغلىشىشىتىن بۇرۇن چىقىم قىلىنغان خىراجەت، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە روھىي زىيان تەسەللىي پۇلىنى بىر قېتىمدىلا بېرىپ بولۇشى كېرەك. 

34-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ھۆججىتىدە قەرەللىك بېرىلىدىغان پۇلنىڭ ۋاقىتى، ئۇسۇلى ۋە ھەر قەرەلدە بېرىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.  ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە مۇناسىۋەتلىك ستاستىكا سان-سىپىرلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا، بېرىدىغان پۇل سوممىسىنى ۋاقتىدا ۋە لايىقىدا تەڭشەش كېرەك. 

قەرەللىك پۇل تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئەمەلىيي ياشىغان يىل چەكلىمىسى بويىچە بېرىلىدۇ، بۇ ئىزاھاتتىكى تۆلەم ۋاقتىغا ئائىت چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. 

35-ماددا  بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئىدارە قىلغىلى بولىدىغان كىرىمى»، «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغۇرلىنىدىغان ساپ كىرىمى»، «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئىستېمال خاراكتېرلىك چىقىمى»، «يېزا ئاھاللىرىنىڭ كىشى بېشى يىللىق تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى»، «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى» ھۆكۈمەتنىڭ ستاتىستىكا تارمىقى ئېلان قىلغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق مۇناسىۋەتلىك سىتاتىستىكا سان-سىپىرى بويىچە بېكىتىلىدۇ. 

«ئالدىنقى بىر يىل» : 1-سوتنىڭ سوتتىكى مۇنازىرىسى ئاياغلىشىدىغان چاغدىكى ئالدىنقى بىر ستاتىستىكا يىلىنى كۆرسىتىدۇ.

36-ماددا  بۇ ئىزاھات 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن قۇبۇل قىلىنغان 1-سوت جىسمانى زىيان تۆلەم دېلولىرىدا بۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ. كۈچكە ئىگە ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىلغان جىسمانى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى قانۇن بۇيىچە يېڭۋاشتىن سوت قىلىشتا، بۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلمە تەتبىقلانمايدۇ.  

بۇ ئىزاھات ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، يولغا قويۇلغان ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنىڭ مەزمۇنى بۇ ئىزاھاتتىكى بىلەن بىردەك بولماي قالغان بولسا، بۇ ئىزاھات ئاساس قىلىنىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏