چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاندرەۋ ۋىلىس 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگلىيە نىڭ كامبرىج دا تۇغۇلغان. ماتېماتىكا ئالىمى، Princeton ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى، فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىنى ئىسپاتلىغۇچى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئاندرەۋ ۋىلىس

خەنزۇچە ئاتىلىشى :安德鲁·怀尔斯

باشقا نامى :Andrew Wiles

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

يۇرتى :كامبرىج

تۇغۇلغان ۋاقتى :1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى

كەسپى :ئالىم

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى

شەخس ھەققىدە 

ئاندرەۋ ۋىلىسئاندرەۋ ۋىلىس 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگلىيە نىڭ كامبرىج (Cambridge) دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىلاھىيەتشۇناس ھەم دىن كەسپىدىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېت (Oxford University) دا دەرس بېرەتتى. ئاندرەۋ ۋىلىسنىڭ بۇ ۋاقتىدا ماتېماتىكىدا قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق خاتىرە مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئۇ 10 يېشىدىلا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسىغا قىزىققان ئىكەن. ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردىكى بىر كىتابخانىدا فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى بىلەن بىرىنچى قېتىم ئۇچراشقان.

ماتېماتىكا ئالىمى ئاندرەۋ ۋىلىس، 7 يىل زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگۈنۈش ھەم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دۇنيادا ئەڭ داڭلىق ماتېماتىكىلىق مەسىلە «فەرمات ئاخىرقى تېئورېمىسى»غا خاتىمە بەردى. فەرمات بولسا فرانسىيەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى Pierre de Fermat. فەرمات ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ماتېماتىكىلىق مەسىلىگە ناھايىتى كۆپ ماتېماتىكلار (ئۇيغۇرلارمۇ بار) ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ مەسىلە تولۇق ھەل بولماي 300 يىل داۋاملاشتى. داڭلىق كىشىلەر ھەم كۆپلىگەن مۇكاپاتلارنى ئالغان كىشىلەرنىڭ ئاندرەۋ ۋىلىسنى ماختىشى، ئۇنىڭ ئاجايىپ تېخنىكىلىق ئۇسۇلنى بۇ مەسىلىنى يېشىشكە قوللانغانلىقىدىن بولغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏