چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى لىن جىلۇ كوچىسىغا جايلاشقان. يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك ناھىيە مەھكىمىسىنىڭ تۇرۇشلۇق جاي.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى

خەنزۇچە نامى :林基路烈士纪念馆

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

ئورنى :كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونى لىن جىلۇ كوچىسى

كۆلىمى :32.5 مو

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

5پارچەلىن جىلۇ خاتىرە سارىيىئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ ئەسلى ئىسمى لىن ۋېيلياڭ بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيشەن ناھىيەسىدىن، 1916-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىدۇ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. 1937-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. 1939-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدۇ. شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كۇچارنىڭ ھاكىمى، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1942-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە 1943-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن.

لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى لىن جىلۇ كۇچادا ھاكىم بولغان مەزگىلدە خىزمەت قىلغان، ياشىغان جايغا سېلىنغان، يەنى كۇچا ناھىيەسى كونا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا؛

خاتىرە ساراينىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 32.5 مو بولۇپ، ھويلىسى سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغان، باغ-ئورمان كۆچەتخانىسى، سۈنئىي كۆل، يەنە ئويۇن-تاماشا ئورۇنلىرى بار. سەككىز بۇرجەكلىك شىپاڭىنىڭ مۇھىتى گۈزەل ۋە تىنچ، ئارام ئېلىشقا مۇۋاپىق بۇلۇپ، كۇچا ناھىيەسىدىكى باغچە شەكىللىك ئورۇنلارنىڭ بىرى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏