چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مەشرەپ — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھەم قائىدە–يوسۇن تەشەببۇس قىلىنىدىغان سورۇنى، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئاۋۋال مەكتەپكە بەر، كېيىن مەشرەپكە» دەيدىغان ھېكمەت بار. مەكتەپ ئىنسان بالىسىغا تەپەككۈرىنى ئاچىدىغان بىلىم ئۆگىتىدۇ.

مەشرەپ ھەققىدە 

2پارچەئىلى مەشرىپىمەشرەپ — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھەم قائىدە–يوسۇن تەشەببۇس قىلىنىدىغان سورۇنى، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئاۋۋال مەكتەپكە بەر، كېيىن مەشرەپكە» دەيدىغان ھېكمەت بار. مەكتەپ ئىنسان بالىسىغا تەپەككۈرىنى ئاچىدىغان بىلىم ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ بولسا ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ، ئولتۇرۇش–قوپۇش، مېھمانلارغا قانداق داستىخان سېلىش، مېھمان كۈتۈش، ئۇزىتىش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھالال ئەمگەك ئارقىلىق ئاددىي–ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاتا–ئانىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساز چالالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، ئەقىللىق، خۇش ئاۋاز قىلىپ تەربىيەلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئەل–جامائەتكە، يۇرتىغا بولغان مەسئۇلىيەتكە يېتەكلەيدۇ.

مەشرەپنىڭ ئوينىلىش شەكلى

تەشكىلىي قۇرۇلمىسى

مەشرەپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. يىگىت بېشى، قىزىبەگ (قازىبەگ)، پاششاپ، كۆل بېگى، مۇلازىملاردىن ئىبارەت. يىگىت بېشىنىڭ ۋەزىپىسى ئومومەن مەشرەپ ئەھلىنى باشقۇرۇش، تەشكىللەش؛ ياخشىلارنى تەقدىرلەش، يامانلارنى ساۋاقلاش، مەسىلىسى ئېغىرلارنى گۇناھىنى يۇيۇشقا بۇيرۇش ۋە جەرىمانە قويۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى زېممىسىگە ئالغان. قازىبەگنىڭ ۋەزىپىسى بولسا يىگىت بېشى بىر تەرەپ قىلالمىغان بەزى مەسىلىلەردە قازى بېگىدىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قازىبەگ ئەينى مەزگىلدە ئاساسەن دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. پاششاپنىڭ ۋەزىپىسى مەشرەپ ئامانلىقىنى ساقلاش، يىگىت بېشىنىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار. كۆل بېگىنىڭ ۋەزىپىسى مەشرەپ ئەھلىنىڭ قوللىرىغا سۇ قۇيۇش، داستىخان سېلىش، تاماق تارتىش، چاي قۇيۇش، داستىخان يىغىش قاتارلىق غىزالاندۇرۇش جەريانلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مۇلازىملار بولسا مەشرەپنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مەشرەپكە چىللاش، باشقا يۇرتتىكىلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈش، مەشرەپ سورۇنىغا كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ روياپقا چىقىشى

مەشرەپ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ روياپقا چىقىشى. مەشرەپ ئەھلى «ئوتتۇز ئوغۇل» دېيىلىدۇ، لېكىن سانىغا چەك قويۇلمايدۇ. مەشرەپ تەشكىلى دېموكراتىك يوسۇندا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇل باش قوشۇپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق جامائەت ئىچىدىكى ئەدەب–ئەخلاقلىق، ئۆتكۈر پىكىرلىك، جۇشقۇن، چارە–تەدبىرلىك، خۇش ئاۋاز، ئوتتۇز ئوغۇلنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغان، ئەل–جامائەت ئىچىدە نوپۇزى بار كىشىلەر ئىچىدىن يىگىت بېشى تاللايدۇ. ئاتا بولغۇچى مەشرەپكە بالىسىنى ئۆزى بىللە ئېلىپ بارىدۇ ھەم پاششاپتىن ئىجازەت سورايدۇ. پاششاپ يىگىت بېشىغا مەلۇم قىلىدۇ، يىگىت بېشى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، بالا مەشرەپ سورۇنىغا كىرەلەيدۇ.

يىگىت بېشى:

— خوش، بۇياققا كېلىپ قاپسىلەر؟ — دەيدۇ. ئاتا بولغۇچى:

— ھە، بالام ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئەمدى مەشرەپكە ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ ئۆگەنسۇن دەپ ئېلىپ كېلىشىم، — دەيدۇ.

يىگىت بېشى:

— ناھايىتى ياخشى، قارشى ئالىمىز، بىراق مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى، ئاچچىق تايىقى بار. بالىڭىز چىدالامدۇ؟ — دەپ سورايدۇ. بۇ چاغدا بالا مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى، ئاچچىق تايىقى ۋە باشقا بارلىق تۈزۈم–تەرتىپلىرىگە بويسۇنىمەن دەپ ۋەدە بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىگىت بېشى باشلىق بارلىق مەشرەپ ئەھلىگە:

— ناھايىتى ياخشى، ئوبدان بالا بوپتۇ، ۋەدە بەردى، قوبۇل قىلايلى، —دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل رەسمىي مەشرەپ ئەھلى بولۇپ سانىلىدۇ. مەشرەپ ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى كەچتە ئوينىلىدۇ، باشلاش، ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلىدۇ، كېچىكمەي كېلىش ئۇقتۇرۇلىدۇ، كېچىكىپ قالغانلارنىڭ سەۋەبى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. سەۋەبلىك بولسا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. سەۋەبسىز بولسا تەنقىد–تەربىيە بېرىلىدۇ ھەم ئەھۋالغا قاراپ «بولى» قويۇلىدۇ، ئېغىرراق بولسا مەشرەپ جازاسى بېرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق مەشرەپ ئەھلىگە ۋاقىت تەربىيەسى يۈرگۈزۈلىدۇ. «بولى قويۇش» دېگىنى كېلەر مەشرەپكە بىر قوي ياكى ئىككى قوي ئېلىپ كېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەشرەپ تەرتىپى بويىچە بىر قوي، بىر كىلو سارماي، ئالما ئۆلچەم قىلىنىدۇ. كېچىككەنلەر كېلەركى مەشرەپتە بۇنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، بۇ ئارقىلىق كېچىكىپ كېلىش، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

مەشرەپ ئەھلى تولۇق يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن پاششاپ مەشرەپنى باشلاش ھەققىدە يىگىت بېشىدىن ئىجازەت سورايدۇ. يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇل تولۇق يىغىلغان بولسا «باشلانسۇن» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ، پاششاپ كۆلبېگىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. كۆلبېگى ئاپتۇۋا–چۆگۈن، لۆڭگىلەرنى ئەكىلىپ مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىدۇ، پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى چازە قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. چاي تارتىلىدۇ، ساھىبخان ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ يىگىت بېشى باشلىق بارلىق ئوتتۇز ئوغۇلنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، چاي قىزىق پاراڭ، ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن ئىچىلىدۇ. چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت بېشىنىڭ ئىجازىتى ئارقىلىق داستىخاننى يىغىش بۇيرۇقى بېرىلىدۇ. داستىخان يىغىلىدۇ. كۆلبېگى خۇش ئاۋاز، چاققان، تېتىك بولۇشى كېرەك. قولغا سۇ بېرىش، داستىخان سېلىش، چاي قۇيۇش جەھەتلەردە ناھايىتى سىلىق–سىپايە، ئەدەب–قائىدىلىك بولىدۇ. ھەتتا چاي قۇيغاندىمۇ چىنىنىڭ چېتىگە قۇيىدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپۈك چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «يەك تىز» ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. «يەك تىز» دېگىنىمىز بىر پۇتىنى تىزلاپ، بىر پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. پاششاپ شۇنىڭدىن كېيىن سازچىلارغا ئىشارە قىلىدۇ، باش سازچى مۇقام باشلايدۇ. مۇقام باسقۇچىلىرىنى سازچىلار زوق–شوق بىلەن ئورۇندىغاندا ئوتتۇرىدا ئولتۇرغانلار ناخشا تېكسىتلىرىدىكى ھېكمەتلەردىن، مۇڭلاردىن مەنىۋى زوق ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە پاراڭ بولۇنسا پاششاپ «خەپشۈك» دەپ سورۇندىكىلەرنى دىققەتكە چاقىرىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا كۆنمەي پاراڭ كۆپىيىپ كەتسە پاششاپ ئەنگە ئېلىپ قويۇپ، مەشرەپنىڭ سوئال–سوراق باسقۇچىدا قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئۇخلاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە «سۇ پۈركۈپ سۈرىتىنى تامغا تارتىش»، «چوڭ جاۋۇرغا سۇ توشقۇزۇپ، ئىچىگە تەڭگە تاشلاپ باش چۆكۈرۈپ ئالدۇرۇش» ئارقىلىق سەگىتىپ جازا بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سازچىلار سازنى ئۇسسۇل پەدىسىگە يۆتكەيدۇ. پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «جۈپ تىز»غا بۇيرۇيدۇ ھەم ئۇسسۇلنى باشلايدۇ. شۇ يوسۇندا بىر مەزگىل ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇل ئۇسسۇلچىلارنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ئۇسسۇل ئاخىرلاشقاندا پاششاپ يىگىت بېشىدىن: ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى سورۇنغا كىرىشكە رۇخسەتمىكىن؟ »دەيدۇ. يىگىت بېشى ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن مەشرەپ ئەھلى ئىچىدە مەشرەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى، جامائەت ئالدىدا ئەدەب–ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغانلارنى يىگىت بېشىغا ئەرز قىلىدۇ. يىگىت بېشى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پاششاپقا بۇيرۇق قىلىپ ئەدەبسىزلىك قىلغۇچىنى ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇيدۇ. يىگىت بېشى ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈستىدىن سوراق قىلىدۇ، ئۇ كىشى خاتالىقىنى تونۇپ توۋا قىلسا، يىگىت بېشى ۋە ئوتتۇز ئوغۇل ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىدۇ. ئەگەر كەمچىلىكىنى بوينىغا ئالمىسا، گۇناھىدىن تېنىۋالسا گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ مەسىلىنى پاش قىلىدۇ، بۇنىڭ شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشى ئېغىرلىشىپ، بېرىلىدىغان جازامۇ كۈچىيىدۇ ھەم نەق مەيداندا ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇندىن كېيىن قايتا ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە ئېلىپ سەپكە قوشۇلىدۇ. بىر كېچىلىك مەشرەپتە مۇشۇنداق ئىشتىن بىر نەچچىسى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «راھەت» ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. «راھەت ئولتۇرۇش» پۇتنى ئىختىيارىي سوزۇپ، ئەركىن–ئازادە پاراڭ قىلىپ، بىر–بىرى بىلەن مۇھەببەتلىك يېقىنچىلىك تېما قىلىنغان مۇڭدىشىشنى كۆرسىتىدۇ. چاقچاقچىلارنىڭ ھازىرجاۋابلىقى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي بولۇشى بىلەن مەشرەپ ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرىدۇ. پاششاپ ئارىلىقتا: «ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى پالانچى ماھارەت كۆرسىتىپ بەرسە» دەيدۇ. شۇ ئادەم سۆز ئويۇنى باشلايدۇ. بۇ ئادەم سۆز ماھارىتىنىڭ تېزلىكى، سۆزىنىڭ رېتىملىقى، مەزمۇنغا باي، تەربىيىۋىلىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئوتتۇز ئوغۇلغا چوڭقۇر مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ. پاششاپ يەنە «پالانچى بىرەر پەدە مۇڭ قىلىپ بەرسە» دەيدۇ. بۇ ئادەم ئۆزى تاللىغان چالغۇ ئەسۋاب بىلەن ماھارەت كۆرسىتىپ سورۇندىكىلەرنىڭ ئالقىىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ماھارەتلەردىن بىرقانچىسى ئىجرا بولغاندىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «چازا» قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ، ئاندىن كۆل بېگىگە بۇيرۇق بېرىدۇ. كۆل بېگى مېھمانلارنىڭ قولىغا ئەدەب بىلەن سۇ بېرىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ داستىخان تەييارلايدۇ. غىزاغا يۇقىرى چەك قويۇلمايدۇ، ئىختىيارىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. غىزا تارتىلغاندىن كېيىن سۇيۇقئاش مول–مەزمۇنلۇق پاراڭلار بىلەن ئىچىلىدۇ. داستىخان يىغىلىشتىن ئاۋۋالقى دۇئادىن كيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «يەك تىز» ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ ھەم كۆل بېگىگە «گۈل چاي كەلتۈرۈلسۈن!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كۆل بېگى ئالدىن تەييارلاپ قويغان گۈل چاينى كەلتۈرىدۇ. گۈل چاي ھەرخىل شەكىلدە ياسىلىدۇ. بەزىلەر چىنىنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل گۈللەرنى ئەپچىللىك بىلەن تىزىپ ئالاھىدە كۆرۈنۈش قىلىپ ياسايدۇ ياكى ئالمىلارنى پىچاق بىلەن كۈچۈك چىشى قىلىپ ھەرە شەكلىدە ياساپ، چىنىنىڭ ئەتراپىغا تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرىغا بىر تال چىرايلىق گۈلنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەتنۇسقا سېلىپ كەلتۈرىدۇ، يېزىقچىلىقتىن خەۋىرى بار بىرىنى يىگىت بېشى كاتىپلىققا سايلايدۇ. كاتىپ دەپتەر–قەلەمنى قولغا ئېلىپ، قەغەزنىڭ باش تەرىپىگە «پاششاپ» دەپ يېزىپ قويىدۇ، بۇ نۆۋەت پاششاپتىن باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پاششاپ گۈل چاينى خالىغان بىرسىگە بېيىت ياكى قوشاق ئېيتىپ ئەپچىللىك ۋە ئەدەب بىلەن «مەن چاينى ** گە بەردىم» دەيدۇ. كاتىپ دەپتەرگە گۈل چاي ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنى خاتىرىلەيدۇ. گۈل چاينى ئالغۇچى بېيىت ياكى چاقچاق ئارقىلىق «پالانچىغا بەردىم» دەيدۇ. ئىككىنچى قېتىم گۈل چاي ئالغۇچى مۇنداق بېيىت باشلايدۇ:

ئېگىز–ئېگىز تاغ بېشىدىن سىيرىلدىم تۈزگە،

قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە.

بىلەمسىزكىن–بىلمەمسىزكىن خۇشتارمەن سىزگە،

خۇشتارلىقتىن ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇۋالىم سىزگە.

دەپ بېيىت ئېيتىپ «يىگىت بېشىغا بەردىم» دەيدۇ. يىگىت بېشى گۈل چاينى قولغا ئېلىپ ئەتراپتىكىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، بىر يېقىن ئادىمىنى ئىزدەۋاتقان قىياپەتتە:

ئۇ تام يېقىن، بۇ تام يېقىن،

ھەممىدىن ئۆزلىرىگە كۆڭلۈم يېقىن

دەپ يەنە بىركىشىگە (نۆۋەت كەلگەن كىشىگە) بېرىدۇ. كاتىپ بۇ كىشىنىمۇ خاتىرىلەپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ گۈل چاي قىزىقارلىق پاراڭلار، بېيىت–قوشاقلار بىلەن 10، 15قېتىم تەكرارلىنىپ قولدىن–قولغا ئۆتىدۇ. بەزىدە ئوتتۇز ئوغۇل بەزىلەرنى قەستەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن تەكرار گۈل چاي تۇتىدۇ. كاتىپ رەت بويىچە بىرىنىمۇ قويماي خاتىرىلەيدۇ. گۈل چايغا ئاجرىتىلغان ۋاقىت توشقان ھامان گۈل چاينىڭ ئاخىرى پاششاپقا كېلىپ توختايدۇ. يىگىت بېشى «گۈل چاي توختىتىلسۇن» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ. پاششاپ گۈل چاينى كۆل بېگىگە تاپشۇرىدۇ.

پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ، سازەندىلەرگە ئىشارە قىلىدۇ. سازچىلار سازلىرىنى تەڭشەپ ئالدى بىلەن مۇزىكا ئورۇندايدۇ. ئاندىن بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى باشلايدۇ. سورۇن ئەھلى تېكسىت ھېكمەتلىرىدىن، مۇڭلۇق مۇزىكىلاردىن بىھۇش بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىرەرىنىڭ ھاجىتى قىستاپ قالسا بىسوراق چىقىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم پاششاپقا «ئەدەب» دەيدۇ، پاششاپ «بىئەدەپ بولمىسۇن» دەيدۇ. ئەگەر بۇ ئادەم سورۇندىن چىقىۋاتقاندا باشقىلارنىڭ پۇتلىرىغا دەسسىۋەتسە ياكى دىققەتنى چېچىۋەتسە ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم ناھايىتى سىپايە، ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئۇ نەغمىچىلەر ۋە مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا «ئەدەپ»كە چىقىدۇ، ناخشا–مۇقام ۋە ساز توختىمايدۇ. ئېيتىۋاتقان ناخشىلارغا ئوتتۇز ئوغۇل تۈرلۈك شەكىللەردە جور بولۇپ ماڭىدۇ. ساز مەرغۇل مۇزىكىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يىگىت بېشى باشلىق ئوتتۇز ئوغۇل «رەھمەت، رەھمەت!، قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن!» دەپ سازچىلارغا بارىكاللا ئوقۇشىدۇ. كۆل بېگى سازچىلارغا پەتنۇس بىلەن چاي تۇتىدۇ. ئاخىرىدا چاقچاقچىلار چاقچاق باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سازغا ئاجرىتىلغان ۋاقىت توشىدۇ. پاششاپ دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: «چىراغ كەلتۈرۈلسۇن!» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ. (ئەينى يىللاردا ئېلېكتىر ئوموملاشمىغاچقا چىراغ ئىشلىتەتتى) پاششاپ چىراغنى قولغا ئېلىپ:

ئۇ تام يېقىن، بۇ تام يېقىن،

كۆڭلۈم ھەممىدىن ئۆزلىرىگە يېقىن

دەپ چەتتە ئولتۇرغان بىرىنچى ياش بالىغا چىراغنى بېرىدۇ. چىراغ تۇتۇش بېيىت–نەزم، ماقال–تەمسىللەر بىلەن قولدىن–قولغا ئۆتىدۇ. جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغانلار كۆرۈلسە، يىگىت بېشى: «بولدى، بۇ يىگىتنى خىجىل قىلماڭلار، كېلەركى مەشرەپكىچە ئۆگىنىپ كەلسۇن» دەپ چىراغنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. شۇ ئارقىلىق مەشرەپكە قاتناشقۇچىلارنى جۇشقۇن، روھلۇق، ماھارەتكە باي، تۆت ئادەم ئالدىدا يۈرەكلىك ھالدا ئۆز مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ. كەڭچىلىككە ئېرىشكەن يىگىت ئىككىنچى سورۇندا يەنە باھانە–سەۋەب كۆرسەتسە ئولتۇرغانلار «توخۇدەك قېقىقلاپ بەرسەڭمۇ، موزايدەك مۆرەپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ…» دەپ چاقچاق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت ئۈچىنچى سورۇنغىچە نومۇس يۈزىسىدىن بولسىمۇ بىر نەرسە ئۆگىنىپ كېلىپ چىراغنى قولغا ئالىدۇ. يىگىت بېشى باشلىق ئولتۇرغانلار بۇ يىگىتكە ئالقىش ياڭرىتىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام–مەدەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىراغ تۇتۇپ پائالىيەت قىلىش ئاخىرلىشىدۇ.

پاششاپ دەررۇ «راھەت» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ، «گۈل چاي قايتۇرۇلسۇن» دېگەن بۇيرۇقنى يىگىت بېشى بېكىتىدۇ ھەم گۈل چاينى پاششاپقا تۇتقۇزىدۇ. كاتىپ دەپتەر–قەلەمنى تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئوتتۇز ئوغۇل ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. گۈل چاي نۆۋىتى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قايتۇرۇلاتتى. گۈل چاي توختاپ قايتۇرغىچە بولغان ۋاقىتقىچە بىز يۇقىرىدا ئېيتقان پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتكەچكە بەزىلەرنىڭ ئېسىدىن گۈل چاي بەرگەن ئادەم كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. زېھنى ئۆتكۈر بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزى گۈل چاي بەرگەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ. توغرا چىقسا كاتىپ توغرا بەلگىسى، خاتا چىقسا، يېڭىلدى دېگەن بەلگىنى قويىدۇ. بۇ جەرياندا بەزىلەر پەقەت يېڭىلمەيدۇ، بەزىلەر ئۈچ، تۆت قېتىم ھەتتا ئون قېتىمدىن ئارتۇق يېڭىلىدۇ. ئاخىرىدا يېڭىلگەن–يېڭىلمىگەنلەرنىڭ ئىسمى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، تەقدىرلەش ۋە تەنقىدلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقىلارنى زېھنى ئۆتكۈر بالىلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ. يېڭىلگەنلەرگە «بولى» قويۇلىدۇ. نەتىجىدە بۇنداقلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقاچقا ئەتىياز كەلگىچە ئۇتتۇرۇپ قويغان بىر–ئىككى ئادەمنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلار تامامەن ھۇشيار، زېھنى ئۆتكۈر قىلىپ تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن پاششاپ كۆل بېگىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، كۆل بېگى قولغا سۇ بېرىپ، داستىخان سالىدۇ. قۇۋۋەتلىك تائاملار تارتىلىپ يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، كېلەركى مەشرەپكە تەييارلىقى بار ئوتتۇز ئوغۇلدىن بېرى گۈل چاينى ئۆتكۈزۈۋېلىپ سورۇندىكىلەرنى كېلەركى نۆۋەتلىك مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوتتۇز ئوغۇلغا جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلىدە گۈزەل ئەخلاق تىكلەپ، يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، ئاجىز–مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىپ جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەشرەپ ئەھلىگە ئاھانەت كەلتۈرۈپ قويماسلىق تەكىتلىنىدۇ، سورۇندا ئۆيى يىراق، يېشى كىچىك، مېيىپ بالىلار بولسا باشقىلارنىڭ ئاپىرىپ قويۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەشرەپ ئەھلى مەشرەپتىن سىرت يەنە جەمئىيەتتىكى، ئۆز مەھەللىسىدىكى ئۆلۈم–يېتىم، توي–تۆكۈن ئىشلىرىدا يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇلنى يەرلىك كولاش، مېيىت ئۇزىتىش، دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە بۇيرۇيدۇ. تويدا باشتىن–ئاخىر ساھىبخانغا ياردەملىشىپ مېھمان ئۇزىتىشىپ بېرىدۇ. ھەتتا قىز–ئوغۇلنىڭ تويلىرىدا مەشرەپتىكى ئەڭ قىزغىن نومۇرلارنى ئىجرا قىلىدۇ ۋە قىز–يىگىتنى ھوجرىسىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئەگەر شۇ مەھەللىدە ياكى يۇرتتا تەبىئىي ئاپەت كۆرۈلسە مەشرەپ ئەھلى جان پىدالىق بىلەن ياردەم قىلىشنى شەرەپ ھېس قىلىپ ياردەمدە بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏