چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قاپسىلاڭ دەرياسى تاش ئاياغ ئىزى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى نىڭ تېرەك بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 38 كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتنىشى قۇلايلىق.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قاپسىلاڭ دەرياسى تاش ئاياغ ئىزى

خەنزۇچە نامى :卡普斯浪河石脚印

قاراشلىق دۆلەت :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئورنى :باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك بازىرى

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى :1670 مېتىر

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

2پارچەقاپسىلاڭ دەرياسى تاش ئاياغ ئىزىقاپسىلاڭ دەرياسى تاش ئاياغ ئىزى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى نىڭ تېرەك بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 38 كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتنىشى قۇلايلىق. جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىكى ''27'32°81، شەرقىي ئۇزۇنلۇقى ''00'58°41، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1670 مېتىرغا يېتىدۇ. تاش ئاياغ ئىزىنىڭ ئورنى قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا 1-دەرىجىلىك يەرگە جايلاشقان، ئۇنىڭ يېنىدا بىر چوڭقۇر كىچىك جىلغىلار، مەنبەسى بىر بۇلاق، ئۈچىنچى دەۋر قۇم تاش ۋە يېرىقلارنى بويلاپ سىرتقا ئېقىپ كەتمەيدۇ؛ 

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئاچچىق كۆز بۇلاق سۈيىدە ھەر يىلى نۇرغۇن يەرلىك ئامما بۇ يەرگە كېلىپ كۆز يۇيۇپ داۋالايدىكەن. تاش ئاياغ ئىزى بىر ئېللىپس شەكىللىك قېنىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، سول ئاياغ ئىزىغا چوڭقۇر سىزىقچىلار بېسىلغان. چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن ئۈچ سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 28 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 9.5 سانتېمىتىر. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏