چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كەھرىۋا ئوردا رۇسىيە نىڭ سانكىت پېتىربورگ شەھىرى ئەتراپىدىكى چاسكوسېلوغا جايلاشقان يېكاتىرىنا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى. ئۆيدە 12 پارچە تام ئاسراش پەنەركىسى ۋە 12 تۈۋرۈك بار بولۇپ، ئۈچ تەرەپتىكى تامغا ئىنتايىن قىممەت باھالىق كەھرىۋا چاپلانغان، ھەمدە ئالتۇن، كۆمۈش ۋە زۇمرەت بىلەن بېزەلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كەھرىۋا ئوردا

خەنزۇچە نامى :琥珀宫

باشقا نامى :كەھرىۋا ئۆيى، كەھرىۋا زالى

رۇسچە نامى :Янтарная комната

تەۋە دۆلەت :رۇسىيە

ئورنى :سانكىت پېتىربورگ شەھىرى ئەتراپىدىكى چاسكوسېلو

قۇرۇلغان ۋاقتى :1701-يىلى

لايىھەلىگۈچى :安格拉·舍鲁特

 تۇنۇشتۇرۇلىشى 

7پارچەكەھرىۋا ئوردارۇسىيەدە ئاران 55 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينى زىننەتلەشكە 150 مىليون فوندستېرلىڭ (1 مىليارد 600 مىليون يۈەن) خەجلەنگەن رۇسىيە دە بىر ئۆي بار. ئۇ ئۆينىڭ ئىسمى كەھرىۋا ئوردا بولۇپ، «دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزە» نىڭ ئىچىدىكى بىرى.

كەھرىۋا ئوردا رۇسىيە نىڭ سانكىت پېتىربورگ شەھىرى ئەتراپىدىكى چاسكوسېلوغا جايلاشقان يېكاتىرىنا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى. ئۆيدە 12 پارچە تام ئاسراش پەنەركىسى ۋە 12 تۈۋرۈك بار بولۇپ، ئۈچ تەرەپتىكى تامغا ئىنتايىن قىممەت باھالىق كەھرىۋا چاپلانغان، ھەمدە ئالتۇن، كۆمۈش ۋە زۇمرەت بىلەن بېزەلگەن.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ ئۆيگە سەرپ قىلىنغان كەھرىۋا، ئالتۇن ۋە زۇمرەتنىڭ سانى 10 مىڭ پارچىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 6 توننىدىن ئاشىدىكەن. داڭلىق ھۈنەرۋەنلەر ئون نەچچە يىل ۋاقىتتا ئاران پۈتتۈرۈپ بولغان ئىكەن. كەھرىۋانى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلغانلىقتىن شۇڭا كەھرىۋا ئوردا دەپ ئاتالغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ كەھرىۋا ئوردانىڭ قىممىتى كەم دېگەندە 50 مىليون فوندستېرلىڭ بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا 500 مىليون فوندستېرلىڭ باھا قويغان. رۇسىيەلىكلەر بولسا بۇنى باھاسى يوق گۆھەر دەپ قارايدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھازىرقى كەھرىۋا ئوردا ئەسلى نۇسخا ئەمەس بولۇپ، 24 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ رېمونت قىلىنغان. 2003-يىلى سانكىت پېتىربورگ شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىق خاتىرە كۈنىدە تاماملانغان ئىكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏