چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو ماياك مۇزېي دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ماياك مۇزېي بولۇپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق پورتلاند ماياكىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇلۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇشەن شەھىرى دەيشەن ناھىيەسىگە جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگو ماياك مۇزېي

خەنزۇچە نامى :中国灯塔博物馆

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :جېجياڭ ئۆلكىسى

ئورنى :جۇشەن شەھىرى دەيشەن ناھىيەسى

تۈرلىرى :ئۇنىۋېرسال تۈر

مۇزېيدا ساقلانغان بۇيۇملار :كىرسىن لامپا، گېنراتور

قۇرۇلۇشنىڭ جايلىشىشى

6پارچەجۇڭگو ماياك مۇزېيجېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇشەن شەھىرى دەيشەن ناھىيەسىدىكى جۇڭگو ماياك مۇزېي دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ماياك مۇزېي بولۇپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق پورتلاند ماياكىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان. مۇزېي ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتى 600 كۋادرات مېتىركېلىدىغان «دۇنيا ماياك تارىخى مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو ماياك تەرەققىياتىنىڭ تارىخى كۆرگەزمىخانىسى». ئۇ 250 پارچە سۈرەتلىك ماتېرىيال ۋە 52 دانە ئەمەلىي بۇيۇمئارقىلىق كىشىلەرگە ماياكنىڭ تارىخىنى نامايان قىلىپ، ماياكنىڭ پاراخوتتىكى كىشىلەرگە بولغان ھەقىقىي سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككىنچى قەۋىتى ئارام ئېلىش رايونى بىلەن پاراخوتنىڭ كۆرۈنۈشىگە تەقلىد قىلىنغان تەجرىبىخانا بولۇپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن كونترول قىلىنىپ، ئۈچ پىرورېكسىيە بىلەن سۈرەتكە تارتىشتىنشەكىللىنىدىغان بىر چوڭ ئېكران تاماشىبىنلارغا دېڭىزدا پاراخوت ھەيدىگەن ۋاقىتتىكى دولقۇننى ھېس قىلدۇرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏