چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چاڭچىڭ سۇ ئۈستى باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى دە بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچىدىكى تويبولدى جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىدىن بىر كىلومېتىر كېلىدۇ. باغچا رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 70 مو بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئويۇن-تاماشا مەيدانى كۆلىمى 50 مو.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چاڭچىڭ سۇ ئۈستى باغچىسى

خەنزۇچە نامى :长青水上乐园

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئورنى :شايار ناھىيەسى

كۆلىمى :70 مو

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

چاڭچىڭ سۇ ئۈستى باغچىسى شايار ناھىيەسى دە بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچىدىكى تويبولدى جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىدىن بىر كىلومېتىر كېلىدۇ. 

باغچا رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 70 مو بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئويۇن-تاماشا مەيدانى كۆلىمى 50 مو. 

باغچا ئىچىدە ئاساسلىقى ئاددىي ۋە تەبىئىي بولغان سۈنئىي كۆل ۋە رەڭدار ساليۇت، كاتىرلار بۇلۇپ، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ياغاچ ئۆيلەرمۇ بار. 

باغچا ئارسىدا تىكىلگەن ئۈزۈم كارىدورى، سۆگەت ئۇزۇن كارىدورى، ھەر خىل گۈل-گىياھلار ھەمدە بېلىق تۇتۇش كۆلچىكى بار. سۈنئىي كۆل ئارقا قىسمىغا قۇم بارخانلىرى، قۇم بىلەن داۋالاش، قۇم ئويما، قۇم تېيىلىش، قۇم ساھىل ۋالىبولى قاتارلىق قۇم تەنتەربىيە پائالىيەت رايونلىرى بار. قىش پەسلىدە تەبىئىي مۇز باغچىسى ئىچىدە مۇز تېيىلغىلى بۇلىدۇ، مۇزدا چانا تېيىلىش، مۇز ئۈستىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى سورۇنى. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏