چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (Global Positioning System-GPS) بولسا ئامېرىكا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، 20 يىل تەتقىق قىلىنىپ ۋە 200 مىرلىياد ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلىنىپ 1994-يىلى بارلىققا كەلگەن سۈنئى ھەمرا ئورۇن بىكىتىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى

خەنزۇچە نامى :全球定位系统

چەەتئەلچە نامى :GlobalPositioning System

چۈشەندۈرۈلىشى 

يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (Global Positioning System-GPS) بولسا ئامېرىكا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، 20 يىل تەتقىق قىلىنىپ ۋە 200 مىرلىياد ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلىنىپ 1994-يىلى بارلىققا كەلگەن سۈنئى ھەمرا ئورۇن بىكىتىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سېستىما قۇرۇقلۇق، دېڭىز، بوشلۇق تولۇق قاپلانغان ئورۇن بېكىتىش رولىغا ئىگە. يېقىنقى 10يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچەش تارماقلىرى مەزكۇر تېخنىكىنى يەر ئۆلچەش، قۇرلۇش ئۆلچەش، بوشلۇقتا سۆرەتكە ئېلىش، يەر پوستىنىڭ يوتكىلىشىنى كۆزىتىش، قۇرلۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، ۋە بايلىقلارنى تەكشۇرۇش قاتارلىق ساھالەرگە ئىشلىتىپ، ئۆلچەش ساھەسىدە بىر مەيدان چوڭقۇر تېخنىكىلىق ئىنقىلاپ قوزغىغان. يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (Global Positioning System-GPS) ئامېرىكىنىڭ 2-ئەۋلاد سۈنئىي ھەمراھ يولباشلاش سىستېمىسى. بۇ سىستېما تىرانزىت ھەمراھىنىڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ تىرانزىت سىستېمىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت تەجىربىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ تىرانزىت سىستېمىسىغا ئوخشاش، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى، بوشلۇق قىسمى، يەر يۈزىدىن كۆزىتىش ۋە ئابونتلار قوبۇل قىلىش ئۈسكىنىسى قاتارلىق 3 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. 

ھازىرقى لايىھەدە يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ، بوشلۇق قىسىمى ئېگىزلىگى 20000 مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى 24 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەشكىل تاپقان. 24+3 دانە سۈنئىي ھەمراھ يۇمۇلاق ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ. بىر قېتىم ئايلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 11سائەت 58 مىنۇت، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 ئوربىتا يولىغا بۆلۈنگەن (ھەر بىرسىدە 4 دانىدىن سۈنئى ھەمراھ بار)، ئوربىتىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى 55 گىرادۇس. سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ سىگىنال تارقىتىش دائىرىسى يەر شارىنىڭ ھەممە يىرىنى قاپلىغان، ھەرقانداق ۋاقىتتا 4 تىن يۇقىرى سۈنئىي ھەمراھنىڭ سىگىنالىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ ۋە ئېنقلىغى يۇقرى بولغان گىئومىتىرىيەلىك رەسىمگە ئرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت، ھەرجايدا يولباشلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. 

يەر ئۈستى كۆزىتىش بۆلىكى ئۆز ئىچىدىن 4 بۆلەككە بۈلۈنگەن. كىرگۈزۈش پونكىتى ۋە ئاساسىي باش پونكىتغا بۆلىنىدۇ. كۆزىتىش پونكىتىدە GPS ئابونتلار قوبۇل قىلغۇچ. ئاتوملۇق سائەت، يەرلىكنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتلىرىنى يىغىدىغان سېزور قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆزۈتىش پونكىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى سۈنئىي ھەمراھ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ ئاساسىي پونكىتغا يوللاپ بېرىش. ئاساسىي پونكىت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرلدۇ. ئۇ يەر ئۇستى كۆزىتىش بۆلىكىنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاساسلىق پونكىتنىڭ ۋەزىپىسى ھەرقايسى كۆزىتىش نۇقتىلىرى قوبۇل قىلغان GPS سانلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىش. بۇ سانلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ھەر بىر GPS سۈنئىي ھەمراھيىنىڭ ئوربىتىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ سائىتىنى توغۇرلايدۇ. كىرگۇزۇش پونكىتىمۇ ھاۋا ئارمىيەسنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى-ھەربىر سۈنئىي ھەمراھ قوزغۇلۇپ بوشلۇققا چىققىچە بولغان ۋاقىتتا يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ۋە ئاساسىي پونكىتتىن چىققان بۇيرۇقلارنى سۈنئىي ھەمراھغا كىرگۇزۇش، ھەربىر GPS سۈنئىي ھەمراھىغا بۇنداق كىرگۈزۈش كۈندە بىر قېتىم ئېلېپ بېرىلىدۇ. ھەم سۈنئىي ھەمراھ كىرگۇزۇش پونكىتىنىڭ دائىرسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كىرگۈزۈلىدۇ. 

يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ، بۇ ھازىرقى ئەڭ ياخشى يولباشلاش ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى. ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىنىڭ ئىلغارلىشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق، يۇمشاق دېتاللارمۇ مۇكەممەللەشمەكتە. ئىشلىتىش دائىرسى ئۇزلۇكسىز كېڭەيمەكتە. ھازىر دۆلەتلەرنىڭ ئىقتساد ئورۇنلىرىمۇ ئىشلەتمەكتە. ھەم ئاستا ئاستا كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏