چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شەرقى رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپول ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەنىڭ چىگرىسى بولغان بوسپورۇس بوغۇزىنىڭ جەنوبىدا بولۇپ ، ئۇچ تەرىپى سۇ بىلەن ئورالغان، كەينى تەرىپى قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتىشىدۇ.

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى


 كونىستانتىنپولنىڭ يەر تۇزۇلىشى خەتەرلىك. ئۇنىڭ ئۇستىگە شەرقى رىملىقلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پىلانلاپ ياسىغان قورغىنى بولۇپ ، پولات قالقاندەك ناھايىتى مۇستەھكەم ئىدى. ئۇنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش ھەقىقەتەن قۇرۇق خىيال ئىدى. بىراق 15-ئەسىردىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇ كۈتۇلمىگەن يەردىن ئوسمانلىي تۇركلىرى تەرپىدىن ئىشغال قىلىندى. بۇ ئۇرۇش ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن بولغان ئۇرۇشلارنىڭ بىرى ئىدى.


ئۇرۇش تەييارلىقى


  ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ زور تۇركۇمدىكى ئادەم ۋە ماددى كۇچىنى توپلاپ، تولۇق تەييارلىق قىلدى. تۇرك پادىشاھى مۇھەممەدⅡ   بولسا 200مىڭ كىشلىك قوشۇن، 300جەڭ كېمىسى تەييارلاپ كونىستانتىنپولنى چىۋىن ئۇچۇپ چىقالمايدىغان دەرىجىدە قورشاپ ، شەھەرنى بويسۇندۇرپ، ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئىرادىسىدە بولدى. كونىستانتىنپولدىكى خەلق ۋە قوشۇن شەھەر بىلەن ھايات ماماتتا تەڭ بولۇشقا قەسەم ئىچىشتى. شەھەرنىڭ غەربىدىكى ئىككى قەۋەت سېپىنىڭ تېشىغا چوڭقۇر خەندەكلەرنى ئويدى. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئالتۇن بۇرجەك قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ناھايىتى توم زەنجىرلەنى سۇ يۇزىگە تارتىپ، ھەرقانداق كېمە كىرەلمەيدىغان قىلدى.شەھەرنىڭ شەرق تەرپىدىكى دۇشمەن ئاسانلىقچە يېقىن كېلەلمەيدىغان يەرگە ئۇلار پۇختا قورغانلارنى سېلىشىتى. مۇشۇنداق جىددى كەيپىياتتا 1453-يىلى4-ئاينىڭ 6-كۇنى ئۇرۇش رەسمى باشلاندى.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏