چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۆركۈندە گۈلى، جۇڭگو، سىبىرىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ، نۇر يېتەرلىك يېرىم تەسكەي مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، بىر قەدەر سوغۇققا چىداملىق.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كۆركۈندە گۈلى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :荷包牡丹

ئىنگلىزچە نامى :Bicuculline

تارقالغان رايونلار :جۇڭگو، سىبىرىيە ۋە ياپونىيە

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

ئائىلىسى :كۆكنار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كۆركۈندە گۈلى ئۇرۇقدىشىDicentra spectabilis (L.) Lem.

خەنزۇچە باشقا نامى :荷包花、蒲包花、兔儿牡丹、铃儿草、鱼儿牡丹

باشقا نامى :بەرگىگۈل، ئەمرات

كەنجى سىنىپى :ئىپتىدائىي گۈل كەنجى سىنىپى

ئەترىتى :كۆكنار ئەترىتى

كەنجى ئائىلىسى :ئەمرات كەنجى ئائىلىسى

لاتىنچە نامى :Dicentra spectabilis (L.) Lem.

لاتىنچە باشقا نامى :Dicentra Spectabilis(L.)Lem.

تونۇشتۇرۇلۇشى

2پارچەكۆركۈندە گۈلىكۆركۈندە گۈلى، جۇڭگو، سىبىرىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ، نۇر يېتەرلىك يېرىم تەسكەي مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، بىر قەدەر سوغۇققا چىداملىق.

كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ھەر تۈپىنىڭ ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر. ئۇنىڭ غولى يەر ئۈستىدە تىك ئۆسىدۇ، سىلىندىرسىمان، سۆسۈن قۇشۇلۇپ كەلگەن قىزىلرەڭ، يىلتىزسىمان غولى ئەتلىك، كىچىك يېرىقچىسى ئادەتتە پۈتۈن گىرۋەكلىك، سىرىتقى يۈزى يېشىل، كەينى تەرىپىگە ئاق توزان يېپىشىپ تۇرىدۇ، ئىككى يوپۇرماق تومۇرلىرى روشەن. يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر بولۇپ، شەكلى كىرەشكە ئوخشايدۇ.

ھەممە يېرىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، سىپازمىنى بوشۇتۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيزنى نورماللاشتۇش، قاننى تارقاقلاشتۇرۇش، يەل ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. ھويلا-ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان مەنزىرە دەرىخى قىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏