چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ساتار ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. شەكلى تەمبۇرغا ئوخشاپ كېتىدۇ. 7دىن 13 كىچە تارى بولۇپ، ئاۋازى ناھايىتى يېقىملىق، مۇقام ئاھاڭلىرىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپ لەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ساتار

خەنزۇچە نامى :萨塔尔

ئەسلى نامى :سەرتار

تۈرى :كامانچىلىق چالغۇ

پىنيىنچە يېزىلىشى :sà tǎ ěr

ئوزۇنلۇقى :140 سانتىمېتىر

تونۇشتۇرۇلۇشى

ساتار، كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، گەۋدىسى بىر ئاز ئۇزۇن، بېشى يېرىم يۇمىلاق بولۇپ، ئۈجمە ياكى ئۆرۈك ياغىچىدا ياسىلىدۇ. ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۇتار غا ماتېرىيال تاللاش بىلەن ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ مىللىي ئوركىستېردىكى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر تال ئاساسلىق چېلىنىدىغان پولات سىمى ۋە 13 تال قوشۇمچە ئەكس سادا قايتۇرغۇچى سىمى بولىدۇ. دەستىسىگە كىرىچتىن 18 دانە پەدە  ئورنىتىلىدۇ. ئۇ مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپلەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى باشلامچى چالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. ساتارنىڭ ئەسلى نامى (ئىسىمى) «سەرتار» بولۇپ، «باشلامچى چالغۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. ساتارنى يەككە چېلىشقىمۇ، باشقا ساز بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقىمۇ ھەم ئۆزى ناخشا ئېيتىپ ئۆزى چېلىشقىمۇ بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏