چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاقچا-ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان بىر خىل كۈمۈش پۇلنىڭ نامى.

قىسقىچە مەزمۇنى

ئاقچا-ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان بىر خىل كۈمۈش پۇلنىڭ نامى. مەھمۇت قەشقەرى «كۈمۈش» سۆزىنىڭ «ئاقچا» مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى «چۈنكى، ئۇنىڭدا كۈمۈش بار» دەپ ئىزاھلايدۇ.  «تۈركچە ئۇيغۇرچە لۇغەت» تە: «ئاقچا-كۈمۈش پۇل، كۈمۈش تەڭگە، ئاقۇچ» دەپ ئىزاھلانغان. يۇقىرىقىلاردىن ئاقچىنىڭ تارىختىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئىشلىتىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

بىر ئاقچىغا ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭدا بەش سەرلىك پۇل تېگىشىلەتتى. سودىگەرلەر بولۇپمۇ ھەجگە بارىدىغانلار ۋە كارۋانلار روسىيە ئاقچىسىنىڭ بىرىنى بىر نەچچە سەر شىنجاڭ پۇلىغا سېتىۋالاتتى. چار پادىشاھ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن بۇ پۇل ئوبوروت قىلىنىشتىن توختىغان. مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن خەلقنى گېزىت-ژۇرنال ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقتىن دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز قالغان بەزى سودىگەرلەر چار پادىشاھنىڭ غۇلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي، ئۇنىڭ ئاقچىلىرىنى ساقلاۋېرىپ كېيىن بۇ پۇل بازاردا ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالغاندا كۆپ زىيان تارتقان ئىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏